【双语】(上)作为一名普通人,我觉得艾滋病离我很远,还需要主动去检测吗?ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەيدىز كېسىلى مەندىن بەك يى

发布日期:2024-11-30 点击:
近年来,国家对艾滋病防治工作越来越重视,大众也经常看到或听到一些关于艾滋病的宣传。为了提高人们对艾滋病的认识,世界卫生组织于1988年1月将每年的12月1日定为世界艾滋病日,号召世界各国和国际组织在这一天举办相关活动,宣传和普及预防艾滋病的知识。每年都有一个特定的主题,今年的主题是“主动检测 知艾防艾 共享健康”。倡导通过检测知晓感染状况,进而采取治疗和预防措施,有助于控制艾滋病,共享健康生活。今天,《健康生活》节目邀请到云南省疾病预防控制中心性病艾滋病防制所副所长施玉华来跟我们说说“认识艾滋 消除歧视”。
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، ئاممىمۇ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى بەزى تەشۋىقاتلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ ياكى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1988 - يىلى 1 - ئايدا ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقارا تەشكىلاتلارنى بۇ كۈندە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا چاقىردى. ھەر يىلى بىر ئالاھىدە تېما بار، بۇ يىلقى باش تېما «تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش». تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلىپ، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىش ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىپ، ساغلام تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا پايدىلىق. بۈگۈن «ساغلام تۇرمۇش» پىروگراممىسىدا يۈننەن ئۆلكىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يۈخۇئا بىزگە «ئەيدىزنى تونۇپ، كەمسىتىشنى تۈگىتىش» توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.
什么是艾滋病?
专业:艾滋病预防与控制,艾滋病咨询检测、高危人群干预、感染者和病人综合管理及关怀、健康促进等领域的省级技术支持、国内外合作研究。
艾滋病的医学全名为“获得性免疫缺陷综合征”(英文缩写AIDS),是由艾滋病病毒(人类免疫缺陷病毒HIV)引起的一种严重的慢性传染病。艾滋病病毒侵入人体以后,破坏人体的免疫功能,使人体发生多种难以治愈的感染和肿瘤,最终导致死亡。艾滋病病毒主要存在于艾滋病病毒感染者和病人的血液、精液、阴道分泌液、伤口渗出液和乳汁等体液中。
ئەيدىز دېگەن نېمە
كەسپى:ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ئارىلىشىش، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەمكارلىق تەتقىقاتى.
ئەيدىز كېسىلىنىڭ مېدىتسىنادىكى تولۇق ئىسمى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ( ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى AIDS ) بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ( ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى HIV ) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى بۇزۇپ، ئادەم بەدىنىدە داۋالاش تەس بولغان كۆپ خىل يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، يارا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇق ۋە سۈت قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۇت بولىدۇ.
艾滋病是通过什么方式传播的?我们应该怎么样预防呢?
艾滋病病毒可通过性接触传播、血液传播和母婴传播。不分性别、年龄、种族和职业,人体对艾滋病病毒普遍易感。只要发生了无保护的性行为或与他人共用注射器等行为,就存在感染艾滋病病毒的风险。唾液、泪液、尿液和汗液不传播艾滋病,与艾滋病病毒感染者/病人的一般的日常生活和工作接触不会传染艾滋病,蚊虫叮咬也不会传播艾滋病。艾滋病目前没有疫苗可以预防,那对于预防艾滋病,我们主要是针对三条传播途径来说,避免发生相关的危险行为就可以预防艾滋病:坚决杜绝卖淫、嫖娼、吸毒、性乱等行为,正确使用安全套、感染艾滋病病毒的孕妇采取服用抗病毒药物、安全分娩、科学喂养的方法避免把病毒传给宝宝。总之,拒绝毒品、自尊自爱、遵守性道德是预防艾滋病的根本措施。
我们也经常会听到两个说法:艾滋病病毒感染者和艾滋病病人,这两个是一样的概念吗?
这两个概念是不一样的,感染艾滋病病毒后尚未发展到艾滋病阶段的患者称为艾滋病病毒感染者,感染艾滋病病毒后发展到艾滋病阶段的患者称为艾滋病病人。从感染到出现临床症状的平均潜伏期为7-10年。艾滋病病毒感染者其外表看上去和正常人一样,他们可以没有任何症状地生活和工作很多年,但能够将病毒传染给其他人。当感染者发展成为艾滋病病人后会出现原因不明的长期低热、体重下降、盗汗、慢性腹泻、咳嗽等症状。ئەيدىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تارقىلىدۇ؟ بىز قانداق ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك؟
ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ. جىنسى، يېشى، ئىرقى ۋە كەسپى ئايرىلمايدۇ، ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. پەقەت قوغدىمايدىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلار يۈز بەرسىلا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت بولىدۇ. شۆلگەي، ياش سۇيۇقلۇقى، سۈيدۈك ۋە تەر ئەيدىزنى تارقاتمايدۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى بىمارلارنىڭ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتى بىلەن ئۇچراشقاندا ئەيدىزنى يۇقتۇرمايدۇ، پاشا چاقسىمۇ ئەيدىزنى تارقاتمايدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا يوق، ئۇنداقتا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىز ئاساسلىقى ئۈچ خىل تارقىلىش يولىغا قارىتا، ئالاقىدار خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانساق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ:ئىپپەت ـ نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش، زەھەر چېكىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش كېرەك گاندوننى توغرا ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش، بىخەتەر تۇغۇش، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، زەھەرنى رەت قىلىش، ئۆزىنى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.
بىزمۇ دائىم مۇنداق ئىككى خىل قاراشنى ئاڭلاپ تۇرىمىز:ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئەيدىز بىمارلىرى، بۇ ئىككىسى ئوخشاش ئۇقۇممۇ؟
بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوخشىمايدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز باسقۇچىغا يەتمىگەن بىمارلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز باسقۇچىغا يەتكەن بىمارلار ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. يۇقۇملانغاندىن تارتىپ كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنگە قەدەر بولغان ئوتتۇرىچە يوشۇرۇن مەزگىلى 7 ~ 10 يىل بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار قارىماققا نورمال ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ھالدا نۇرغۇن يىل ياشىيالايدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ، لېكىن ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ئايلانغاندىن كېيىن سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تۆۋەن قىزىتما، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش، ئوغرى تەرلەش، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
如果感染了艾滋病病毒
为什么都强调要及早进行规范化治疗?
虽然至今还没有可以预防艾滋病的疫苗,也没有可以彻底根治艾滋病的药物,但艾滋病是可以治疗的慢性病,及时检测发现和治疗艾滋病,患者寿命几乎不受影响。早期及时使用抗艾滋病病毒药物可以有效减少艾滋病病毒感染者和病人体内病毒的复制,重建免疫系统,预防机会性感染的发生,避免死亡,使感染者获得正常预期寿命。越早治疗,身体对药物的耐受性就越好,副作用也越少(治疗越晚,身体越虚弱,加之并发多种疾病,需要同时吃多种药物,机体将难以耐受和恢复)。因此我们现在对艾滋病来说,最关键的就在于早发现早治疗。
ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان
نېمە ئۈچۈن بالدۇر قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش تەكىتلىنىدۇ؟
گەرچە ھازىرغىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا، ئەيدىز كېسىلىنى يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان دورا بولمىسىمۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلى داۋالىغىلى بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل، ئەيدىز كېسىلىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بايقىغاندا ۋە داۋالىغاندا، بىمارنىڭ ئۆمرى ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىشلەتكەندە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇپ، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى نورمال كۆزلىمە ئۆمۈرگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. قانچە بالدۇر داۋالانسا، بەدەننىڭ دورىغا بولغان چىدامچانلىقى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، ئەكس تەسىرىمۇ شۇنچە ئاز بولىدۇ ( قانچە كېيىن داۋالانسا، بەدەن شۇنچە ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ خىل كېسەللىكلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل دورىلارنى يېيىشكە توغرا كېلىدۇ، ئورگانىزمنىڭ بەرداشلىق بېرىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشى تەسكە توختايدۇ ). شۇڭا ھازىر ئەيدىز كېسەللىكىگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش.
 

信息发布:【高翔】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有
222