-
远离毒品,绝不共用注射器。 -
到正规医疗机构进行注射、拔牙、纹身等操作。 -
不与他人共用牙刷、剃须刀等可能接触血液的个人物品。 -
接触他人血液或伤口时,应注意防护(如使用手套等屏障)。
-
保持忠诚的性关系,并坚持正确使用安全套。 -
若患有其他性病,应及时治疗,以免增加感染风险。
-
共餐、共用办公用品、握手、拥抱。 -
在同一空间学习、工作或乘坐交通工具。 -
蚊虫叮咬。 -
使用公共马桶、泳池等设施。 - 病毒在体外环境下很快失活,日常社交接触是安全的
【ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش】 ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى " ئېرىشىش خارەكتىلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى " دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك . بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئاخىرقى باسقۇچتا ئېغىر يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، ۋاكسىنا ئارقىلق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق، بىمارنىڭ ئۆمرى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتى. شۇڭا، ئالدىنى ئېلىش مۇھىم ھالقا
ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ يول ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ:
قان ئارقىلىق تارقىلىش: بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس، گۈل چېكىش، قۇلاق تېشىش قاتارلىق ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش مۇمكىن
جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش: ۋىرۇس جىنسىي ئۇچرىشىش (مەيلى يات جىنىس ياكى ئوخشاش جىنىسلاردىن بولسۇن) ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا، پۈتۈن مۇساپىدە ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش: ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، تۇغۇت ياكى ئېمىتىش جەريانىدا ۋىرۇسنى بالىلارغا تارقىتىشى مۇمكىن. قېلىپلاشقان ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش ئارقىلىق بۇ خەتەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ
قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ قاننىڭ تارقىلىشىنى توسۇش
- زەھەردىن يىراق تۇرۇش، يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- ئوكۇل سېلىش، چىش تارتقۇزۇش، گۈل چېكىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ قىلىش
- باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق قان بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- باشقىلارنىڭ قېنى ياكى يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچراشقاندا، مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك (مەسىلەن پەلەي ئىشلىتىش قاتارلىق توسۇقلار)
بىخەتەر جىنسىي قىلمىشى
- بىربىرىگە سادىق جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاش ھەمدە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك
- ئەگەر باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولسا ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك
ئانا بوۋاق ئارىسىدا تارقىلىشنى توسۇش
ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دورا ئىچىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغۇش ۋە ئانا سۈتىدە بېقىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشى كېرەك
تۆۋەندىكى بۇ ئەھۋاللار يۇقمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى تۆۋەندىكىدەك كۈندىلىك يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ:
ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دورا ئىچىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغۇش ۋە ئانا سۈتىدە بېقىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشى كېرەك
تۆۋەندىكى بۇ ئەھۋاللار يۇقمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى تۆۋەندىكىدەك كۈندىلىك يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ:
- بىرلىكتە غىزالىنىش، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئىشخانا بۇيۇملىرى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش
- ئوخشاش بوشلۇقتا ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ياكى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش
- پاشا چىقىش
- ئاممىۋىي تەرەت تۇڭى ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش
- ۋىرۇس بەدەن سىرتىدىكى مۇھىتتا ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، كۈندىلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچرىشىشدىن يۇقمايدۇ
ئەگەر دىئاگنوز قويۇلسا،بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ: ھازىر ئەيدىز كېسىلى بىر خىل كونترول قىلغىلى بولىدىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە تەۋە بولۇپ. ۋىرۇسنى قېلىپلاشتۇرۇش، سىجىل داۋالاش ئارقىلىق نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار ۋىروسنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە تىزگىنلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساغلام ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. يەر شارىدا يولغا قويۇلغان "90-90-90" نىشانى (يەنى ٪90 يۇقۇملانغۇچىغا ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، ٪90نى بىلگۈچىلەرگە داۋالاشنى قوبۇل قىلدۇرۇپ ، ٪90 داۋالىغۇچىنى ۋىروسنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش)، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ھۇشيار بولۇڭ، لېكىن بىردىنبىر جەزىملەشتۇرۇش تەكشۈرۈشتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپكى مەزگىلدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى (مەسىلەن، ئۇدا تۆۋەن قىززىش، ماغدۇرسىزلىق، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار) كۆرۈلگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىغا خاس ئەمەس، ھۆكۈم قىلىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانماسلىقنى بېكىتىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل مۇنتىزىم ئورگانلارغا بېرىپ قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش (مەسىلەن ئانتىتېلا تەكشۈرۈش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار كۆزنەك مەزگىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىش كېرەك). ئەگەر خەتەرلىك قىلمىشلار بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىلمىي تونۇش ۋە ئاكتىپ ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ . كەمسىتىشنى تۈگىتىش ، توغرا چۈشىنىشتىن باشلىنىدۇ ، ئۆزىنى قوغداپ، بىلىم ئارقىلىق كۈچ يەتكۈزۈش كېرەك
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى: قەرەللىك تەكشۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش، ۋاقتىدا داۋالاش ئەيدىز كېسىلىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ،مەسلىھەت سورىماقچى ياكى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز، شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى ياكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ






