当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

检测不到≠健康无忧:HIV 感染者需要关注的 9 个「健康指标」تەكشۈرۈپ چىقالماسلىق =سالامەتلىكدىن غەم قىلماسلىق:HIV بىلەن يۇقۇملان

发布日期:2024-09-14 点击:
今日有A友询问:
“优优,是不是体内的HIV控制住,就万事大吉,不会影响健康了?”
有这种想法,那真是大错特错了。艾滋病患者常伴有其他健康问题。
如果你患有艾滋病,保持健康的最佳方法是严格按照医嘱服用艾滋病药物(称为抗逆转录病毒疗法或ART),并保持病毒载量检测不到。
بۈگۈن بىر A دوستى مۇنداق سورىدى:
يۇۋيۇۋ ،بەدەندىكى HIV كونترول قىلىنسا ،ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇپ ،سالامەتلىككە تەسىر يەتمەمدۇ؟
بۇنداق ئوي بولسا، ھەقىقەتەن چوڭ خاتالىق بولىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىدا دائىم باشقا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر سىز ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، ساغلاملىقنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەيدىز دورىسىنى ئىستېمال قىلىش ( تەتۈر كۆچۈرۈلۈشكە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ART دەپ ئاتىلىدۇ ) ھەمدە ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.
艾滋病患者还伴有哪些健康问题?
ئەيدىز بىمارلىرىدا يەنە قانداق ساغلاملىق مەسىلىلىرى بار؟
1. 乙型肝炎和丙型肝炎
由于传播途径相似,HIV感染者容易合并HBV(乙型肝炎病毒)、HCV(丙型肝炎病毒)感染,尤其在静脉吸毒者和男男性接触者中更为常见。全球HIV感染者中,约8.4%合并HBV感染,约6.2%合并HCV感染。2014年我国一项调查研究发现HIV合并HBV感染的患病率为8.7%,合并HCV感染的患病率为18.2%,HIV/HBV/HCV三重感染患病率为3.3%。我国最近一项研究显示,HIV感染者中HIV/HBV合并感染率为11.3%,其中,南部地区的合并感染率为14.2%,西部地区为10.7%,北部地区为6.4%[1]。
1. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى
تارقىلىش يوللىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا ،HIV يۇقۇملانغۇچىلار ئاسانلا HBV B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن، HCV C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ ،بولۇپمۇ ۋېنادىن زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ئەر - ئەرلەر بىلەن ئۇچراشقۇچىلار ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. يەر شارى HIV يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە تەخمىنەن 8.4 %ئى HBV بىلەن يۇقۇملانغان، تەخمىنەن 6.2 %ئى HCV بىلەن يۇقۇملانغان. 2014 - يىلى ئېلىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ،HIV - HBV يۇقۇملىنىش قوشۇلۇش نىسبىتى 8.7 %، HCV يۇقۇملىنىش نىسبىتى 18.2 %، HIV - HBV - HCV ئۈچ قات يۇقۇملىنىش نىسبىتى 3.3 %بولغان. ئېلىمىزنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە HIV بىلەن HBVنىڭ بىرلىشىپ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 11.3 %بولغان ،بۇنىڭ ئىچىدە ،جەنۇبىي رايونلارنىڭ بىرلىشىپ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 14.2 %، غەربىي رايونلارنىڭ 10.7 %، شىمالىي رايونلارنىڭ 6.4 %1 بولغان.
如果不进行治疗,可能导致肝脏疾病、肝癌和肝功能衰竭。乙型肝炎可以通过疫苗预防,而丙型肝炎虽然没有疫苗,但治疗可以治愈约97%的患者,包括艾滋病患者,只需8-12周的口服药物治疗。所有艾滋病患者都应接受乙型肝炎和丙型肝炎的检测。
ئەگەر داۋالانمىسا، جىگەر كېسىلى، جىگەر راكى ۋە جىگەر ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما C تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ۋاكسىنا بولمىسىمۇ، داۋالاش ئارقىلىق تەخمىنەن 97 %بىمارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئەيدىز بىمارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پەقەت 8 - 12 ھەپتە دورا ئىچىپ داۋالانسىلا بولىدۇ. بارلىق ئەيدىز بىمارلىرى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
2. 结核病
结核病是由未经治疗的结核病患者通过空气传播的病菌引起的疾病。它通常影响肺部,但也可能影响身体的其他部位。结核病是一种机会性感染,在免疫系统较弱的人群中更常见或更严重。在艾滋病患者中,如果你患有结核病,你将被诊断为艾滋病(也称为艾滋病第三阶段),这是艾滋病感染的最严重阶段。在全球范围内,结核病是艾滋病患者死亡的主要原因之一。因此,艾滋病患者接受结核病检测以及阳性患者开始治疗非常重要。
2. تۇبېركۇليوز كېسىلى
تۇبېركۇليوز كېسىلى داۋالانمىغان تۇبېركۇليوز بىمارلىرىنىڭ ھاۋا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىك باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك. ئۇ ئادەتتە ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. تۇبېركۇليوز كېسىلى بىر خىل پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاجىزراق كىشىلەر توپىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ياكى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدە ئەگەر سىز تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، سىزگە ئەيدىز كېسىلى ( ئەيدىزنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ ئېغىر باسقۇچى. پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ تۇبېركۇليوز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇسبەت بىمارلارنى داۋالاشنى باشلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
3. 机会性感染
在免疫系统较弱的艾滋病患者中更常见或更严重的感染。与艾滋病相关的机会性感染包括肺炎、沙门氏菌感染、念珠菌病、弓形虫病和结核病。当艾滋病患者的CD4计数低于200时,他们患机会性感染的风险最高。
3. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش
ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغان ئەيدىز بىمارلىرى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ياكى تېخىمۇ ئېغىر يۇقۇملىنىدۇ. ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش ئۆپكە ياللۇغى، سالمونېللا باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش، تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسىلى، ياسىمان قۇرت كېسىلى ۋە تۇبېركۇليوز كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ CD4 سانى 200 دىن تۆۋەن بولغاندا، ئۇلارنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ.
4. 心血管疾病
艾滋病患者患心血管疾病的风险可能增加50-100%。心血管疾病会影响你的心脏健康和血液流动,并可能导致心脏病发作、中风或心力衰竭。获得并持续接受ART治疗是保持健康的最佳方法之一。一项由国家卫生研究院支持的研究发现,每天服用他汀类药物(一种有助于降低胆固醇的药物)可将艾滋病患者患心血管疾病的风险降低35%,可能预防这一人群中五分之一的主要心血管事件或过早死亡。
4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %50 تىن %100 كىچە ئېشىشى مۇمكىن. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى سىزنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىڭىز ۋە قان ئايلىنىشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش، سەكتە ياكى يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ART داۋالىنىشىغا ئېرىشىش ۋە داۋاملىق قوبۇل قىلىش ساغلاملىقنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى. دۆلەت سەھىيە تەتقىقات يۇرتى قوللىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى تاتىڭ تۈرىدىكى دورىلار ( خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بىر خىل دورا ) نى ئىستېمال قىلغاندا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %35 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، بۇ كىشىلەر توپى ئىچىدىكى بەشتىن بىر قىسىم ئاساسلىق يۈرەك قان تومۇر ۋەقەلىرى ياكى بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
5. 慢性炎症
炎症是身体为应对感染或组织损伤而自然启动的一个复杂过程。当身体组织受损时,会释放特定化学物质作为信号,召唤白细胞前往受损部位进行修复。然而,当这一防御机制错误地作用于健康组织,或是炎症反应持续过久,便会从保护者转变为破坏者,引发所谓的慢性炎症。这种炎症状态可能绵延数月乃至数年之久。
在艾滋病患者的病例中,慢性炎症尤为常见。幸运的是,随着抗逆转录病毒治疗(ART)的开始,患者体内的炎症水平往往会得到显著下降。尽管如此,值得注意的是,即便在治疗期间炎症水平有所降低,低度的慢性炎症仍倾向于顽固存在。长期而言,这种持续的低水平炎症会对身体造成累积性伤害,增加艾滋病患者罹患心血管疾病、肾脏疾病、糖尿病、骨骼疾病、肝脏疾病、认知障碍以及某些类型癌症等严重健康问题的风险。因此,对于艾滋病患者而言,有效管理与控制慢性炎症显得尤为重要。
5. ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ
ياللۇغ بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش ياكى توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەبىئىي قوزغىلىدىغان بىر مۇرەككەپ جەريان. بەدەن توقۇلمىلىرى زىيانغا ئۇچرىغاندا، ئالاھىدە خىمىيەلىك ماددىلارنى سىگنال قىلىپ قويۇپ بېرىپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇنغا بېرىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مۇداپىئە مېخانىزمى خاتا ھالدا ساغلام توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسەتسە ياكى ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى بەك ئۇزۇن داۋاملاشسا، قوغدىغۇچىدىن بۇزغۇنچىغا ئايلىنىپ، ئاتالمىش ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ياللۇغلىنىش ھالىتى نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك مىسالىدا ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ كۆپ ئۇچرايدۇ. بەختكە يارىشا ،تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ( ART ) نىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ،بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ياللۇغلىنىش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، داۋالاش مەزگىلىدە ياللۇغ سەۋىيىسى تۆۋەنلىگەن تەقدىردىمۇ، تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ يەنىلا جاھىللىق بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇزاق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىل تۆۋەن سەۋىيەلىك ياللۇغ بەدەنگە جۇغلانما خاراكتېرلىك زىيان يەتكۈزۈپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، بۆرەك كېسەللىكلىرى، دىئابېت كېسىلى، سۆڭەك كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى، بىلىش توسالغۇسى ۋە بەزى تۈردىكى راك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
6. 心理健康问题
遭受抑郁、焦虑情绪困扰,或是经历过欺凌、性虐待、身体虐待等心理创伤的人群,其感染艾滋病的风险显著高于一般人群。其中,抑郁作为艾滋病患者最常遭遇的心理健康挑战之一,其影响不容小觑。抑郁症状轻重不一,但无论程度如何,都有可能对患者的日常生活造成不利影响。
值得注意的是,与艾滋病相关的医疗状况以及治疗药物本身,也可能成为引发抑郁的诱因。因此,对于艾滋病患者而言,深入了解抑郁及其他心理健康问题的相关知识,积极寻求有效的心理支持与干预,是维护整体健康、提升生活质量的重要一环。我们鼓励患者及其家属,积极获取专业信息,共同应对这一挑战。
6. پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى
خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئازابىغا ئۇچرىغان ياكى بوزەك قىلىش، جىنسىي خورلاش، جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش قاتارلىق پىسخىكىلىق جاراھەتنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خامۇشلۇق ئەيدىز بىمارلىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پىسخىك ساغلاملىق خىرىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن دەرىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئەھۋالى ۋە داۋالاش دورىلىرىنىڭ ئۆزىمۇ خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خامۇشلۇق ۋە باشقا پىسخىكىلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۈنۈملۈك پىسخىكىلىق قوللاش ۋە ئارىلىشىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئومۇمىي ساغلاملىقنى قوغداش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. بىز بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كەسپىي ئۇچۇرلارغا پائال ئېرىشىپ، بۇ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.
7. 酒精和毒品
酒精和毒品使用会损害身体和大脑,并使人更容易感染或传播艾滋病。它们还可能使艾滋病患者更难按医嘱服用艾滋病药物。
7. ئىسپىرت ۋە زەھەر
ئىسپىرت ۋە زەھەرنى ئىشلەتكەندە بەدەن ۋە چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئادەمنى ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملاندۇرىدۇ ياكى تارقىتىدۇ. ئۇلار يەنە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەيدىز دورىلىرىنى ئىچىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
8. 药物副作用
部分患者在服用艾滋病药物初期,可能会遭遇诸如恶心、呕吐等短期副作用。而另一些患者,则可能面临长期副作用的风险,包括心血管疾病与肾脏疾病发病率的提升。因此,定期拜访您的医疗保健提供者,并详尽讨论您所经历的任何副作用,显得至关重要。
请务必遵循医嘱,除非得到医疗保健提供者的明确指示,否则切勿自行减少药量、漏服或停药。您的提供者将与您紧密合作,共同制定一套有效的副作用管理方案,或根据实际情况建议您更换药物。
同时,关注情绪健康、保持均衡饮食、规律锻炼以及戒烟,这些措施在艾滋病患者的健康管理中扮演着举足轻重的角色。它们不仅有助于提升生活质量,更是积极应对艾滋病挑战的重要组成部分。
8. دورىنىڭ ئەكس تەسىرى
بىر قىسىم بىمارلار ئەيدىز دورىسىنى ئىچكەن دەسلەپكى مەزگىلدە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق قىسقا مۇددەتلىك ئەكس تەسىرلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. يەنە بىر قىسىم بىمارلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئەكس تەسىر خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەرەللىك ھالدا سىزنىڭ داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش بىلەن تەمىنلىگۈچىڭىزنى زىيارەت قىلىش، ھەمدە سىز باشتىن كەچۈرگەن ھەرقانداق ئەكس تەسىرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىڭ، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئېرىشمىگۈچە، دورا مىقدارىنى ئۆز ئالدىغا ئازايتىۋەتمەڭ، دورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ ياكى توختىتىپ قويماڭ. سىزنىڭ تەمىنلىگۈچىڭىز سىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك ئەكس تەسىر باشقۇرۇش لايىھىسىنى بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ ياكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن سىزگە دورا ئالماشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەيپىيات ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، يېمەك - ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قانۇنىيەتلىك چېنىقىش ۋە تاماكا تاشلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خىرىسىغا پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.
9. 新冠感染和猴痘
患有晚期或未经治疗的艾滋病的人患某些其他传染病(如新冠感染和猴痘)时,出现严重后果的风险较高。
9. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋە مايمۇن چېچىكى
ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ياكى داۋالانمىغان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بەزى باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ( مەسىلەن:يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە مايمۇن چېچىكى ) گە گىرىپتار بولغاندا، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.



 

信息发布:【开塞尔】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有