س تىپلىق جىگەر ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، سىز چۈشىنىشىڭىز كېرەك بولغان س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلىملىرى
ئەمەلىيەتتە، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاللىقاچان داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەل بولۇپ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ٪95تىن ئاشتى. بىز سىزگە دىئاگنوز قويۇشتىن داۋالاشقىچە بولغان پۈتكۈل تەرتىپتىكى بىلىملەرنى رەتلەپ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، تەشۋىشلىنىش، ۋەھىمە قاتارلىق كەيپىياتلاردىن ساقلىنىشىڭىزغا ياردەم بىرىمىز
يۇقۇملىنىشنى جەزىملەشتۈرۈپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ساقلىنىش
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇش تەرتىپى ئادەتتە تۆۋەندىكى ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئالدى بىلەن س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈشنى دەسلەپكى تاللاش سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر نەتىجىسى مۇسبەت بولسا، پەقەت س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ، ھازىر كېسەللىك يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدۇ. س تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھازىرقى كېسەللىك ياللۇغىنى بېكىتىش كېرەك، ئەگەر س تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسى مۇسبەت بولسا، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ھازىرقى كېسەللىك يۇقۇملىنىش دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تونۇش ئەقلىي مۇئامىلە قىلىش
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك، كۆپ ساندىكى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روشەن ئالامەتلىرى يوق، ئاسانلا ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشقا ئايلىنىدۇ. يۇقۇملىنىشتىن تارتىپ جىگەر قېتىشىشقىچە ئادەتتە 20 يىلدىن 30 يىلغىچە كېتىدۇ، ئەمما ھاراق ئىچىش، جىگەرنى ماي قاپلاش قاتارلىق مېتابولىزم بىنورمال ئامىللار كېسەللىك ئەھۋالىنى تېزلىتىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جىددىي خاراكتېرلىك س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تەخمىنەن ٪45ى بەدەندىكى ئىممۇنىتېت كۇچى ئارقىلىق ۋىروسنى ئۆزلىكىدىن تازىلىيالايدۇ، كۆپىنچىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىنكى 12 ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلىدۇ، داۋالاش ھاجەتسىز
ئاكتىپ داۋالاش، مۇۋاپىق دورا تاللاش كېرەك
نۆۋەتتە ۋىروسقا بىۋاستە قارشى دورىلارنى ئاساس قىلغان داۋالاش لايىھىسىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى ٪95تىن يۇقىرى، ئەكس تەسىرى يېنىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش مۇساپىسى ئادەتتە ئۈچ ئاي(12ھەپتە) بولىدۇ، ھەر كۈنى 1-2 تال ئىچسىلا بولىدۇ. دورىنى تاللاشتا ۋىروس گېن تىپى، جىگەر قېتىشىش دەرىجىسى ۋە بىرلەشتۈرۈپ دورا ئىشلىتىشنى ئۇنىۋېرسال باھالاش كېرەك
دورا ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قەرەللىك ھالدا قايتا تەكشۇرۇش قىلىش
داۋالاش مەزگىلىدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك ھالدا دورا ئىچىپ، دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قىلىشدىن ساقلىنىش، دورىغا چىدامچان بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دورىنىڭ ئۈنۈمىگە دەخلى يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار باشقا دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ھاراق تاشلاش جىگەر تالالىشىش، ياغ مىقدارى تۆۋەن يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىش، بولۇپمۇ جىگەرنى ماي قاپلاش بارلار مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئازايتىشى كېرەك. داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن قەرەللىك قايتا تەكشۇرۇش قىلىش كېرەك، دورا توختىتىلىپ 12 ھەپتىدە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسى ۋىروسنى قايتا تەكشۇرتۇپ تازلانغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇش كېرەك
تارقىلىشنى توسۇپ باشقىلارنى قوغداش
س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى، قاش ياساش پىچىقى قاتارلىق مىكرو مىقداردىكى قان قالدۇقى قېلىپ قالىدىغان شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى، جىنسىي قىلمىشلاردا بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىشى كېرەك. ئالاھىدە كىشىلەر قاراتمىلىق ھالدا مۇداپىئە كۆرۈشى كېرەك، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسىنىڭ مۇسبەت تۇغۇت يېشىدىكى ھامىلدار ئاياللار داۋالىنىپ بولغاندىن كېيىن ھامىلدار بولۇشنى ئويلىشىشى كېرەك. بەدەنگە چىكىش، يىڭنە سانجىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغاندا، چوقۇم مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنى تاللاش ھەمدە ئۈسكۈنىلەرنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىپ، گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك (جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يۈ جيەنجۈن)
(中国疾控艾防中心 虞接军)






