当前位置:首页 > 各地疾控 > 红雨伞协会 > 艾滋病

图文信息

  • 索马鲁肽:改善HIV感染者肝脏健康

  • 拉米夫定的耐药性突变,在某些HIV

  • 研究发现:HIV药物马拉韦罗或可作

  • 研究发现:HIV感染者中的年轻男性

  • 研究发现:代谢紊乱是低收入和中等

  • 研究发现:HIV暴露但未感染的婴儿

影响HIV感染者寿命的爱好ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىزىقىش

地区:梦想健康来源:本站原创发布者:高翔时间:2024-04-07 18:48:10点击:
تاماكا چىكىش ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىزىقىشنىڭ بىرى
تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، لېكىن تاماكا چېكىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
گەرچە نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە تاماكا چېكىش نىسبىتى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى تېخى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مىئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %47 كە يەتكەن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى ئاران %25.5 بولغان، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن
كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، نۇرغۇن تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچار بولىدىكەن. شىمالىي كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە،20 ياشلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا تاماكا چېكىش بىلەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ مۆلچەر ئۆمرى پەرقى 10 يىلغا يېتىدىكەن. يەنە بىر تۈرلۈك 40 ياشتىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىش بىلەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى پەرقى 6 - 7 يىل بولىدىكەن
تەتقىقاتتا يەنە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تاماكا تاشلىغۇچىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقى بايقالدى. ئوخشاشلا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تاماكا تاشلىغۇچىلار ياكى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن
يىغىپ ئېيتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تاماكا تاشلىسا كۆزلىگەن ئۆمرىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە راك كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا، تاماكا تاشلاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئالدىنقى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، تاماكا تاشلاشمۇ بىر مۈشكۈل تېما، مەيلى ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە كۈچلۈك ئىرادىگە تايىنىپ تاماكا تاشلاش بولسۇن، ياكى دورا، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى تاماكا تاشلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇش بولسۇن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاش نىسبىتى %15 كىمۇ يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا، يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تاماكا تاشلىمىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتقىلى بولىدۇ
ئۇسۇلى ئەلۋەتتە بار. ئەگەر تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىيالمىسىڭىز، ھەر كۈنلۈك ئەڭ كۆپ تاماكا چېكىش مىقدارىنى تىرىشىپ ئازايتىڭ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ئازايتىڭ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىتىن بايقىلىشىچە،40 ياشلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋاملىق ئېغىر دەرىجىدىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %28 ~ %29 كە يېقىنلىشىدىكەن، ئەمما داۋاملىق يېنىك دەرىجىدىكى تاماكا چەككۈچىلەر ( كۈنىگە بەش تال ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ) نىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى تەخمىنەن %16.5 ~ %19 بولىدىكەن. بۇ نەتىجە گەرچە تاماكا تاشلىغۇچىلار ( %8 ~ %3.7 ) ۋە تاماكا چەكمەيدىغانلار ( %2 ~ 1 ) دىن خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر پۈتۈنلەي تاماكا تاشلىيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتىڭ
ئاخىرىدا، مەيلى تاماكا تاشلاش - تاشلىماسلىق ياكى تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتىش - ئازايتماسلىق بولسۇن، ھەممىسى خەتەرلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن قەرەللىك ھالدا تۆۋەن مىقدارلىق تەسۋىر چۈشۈرۈپ ئۆپكە راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، بالدۇر بايقالغان ۋە داۋالانغان ئۆپكە راكى ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ياكى بايقالغان ھامان تارقىلىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ
ئۆزگەرتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئاڭنى ئۆستۈرۈش. ئەگەر سىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بولسىڭىز، تاماكا چەككۈچىلەر ئامال بار تاماكا تاشلاڭ ياكى تاماكا چېكىش مىقدارىنى ئازايتىڭ، ئاللىقاچان تاماكا تاشلىغان ۋە تاماكا چەكمەيدىغانلار داۋاملىق ساقلاڭ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|