ئ«ئەگەر» دىن كېيىن: ئەيدىزنى توسۇش دورىسى توغرىسىدا سىز چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئۈچ ئىش
:« ئەينى چاغدا ئۇ يەرگە بارمىغان بولسام ......».
:« ناۋادا مەن راستىنلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانسام قانداق قىلىمەن؟»
ۋىروسقا قارشى ئامبولاتورىيەدە بۇنداق ئاۋاز دائىم ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ئالدى بىلەن قورقۇپ كەتمەڭ ، ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ، سىزنىڭ يەنە بىر ھالقىلىق قۇتقۇزۇش پۇرسىتىڭىز بار : ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ، يەنى دائىم دەيدىغان " توسۇش دورىسى " ، بۇ ۋىرۇس بىلەن مۇسابىقىلەشكەنگە ئوخشايدۇ ، يېڭىش-يېڭىلىش سىز چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك ئۈچ ئىشقا باغلىق
چاغان مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيىتى كۆپەيدى، كۆپچىلىك بايرام ئىللىقلىقى ۋە خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە، ساغلاملىق ئۈچۈن كۆپرەك كۆڭۇل قالدۇرۇڭلار
ئالتۇن 72سائەت: قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى، 2 سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى
ۋىرۇس تېخى پۇت تىرەپ تۇرمىغاندا، دورا بىلەن ئۇنىڭ كۆپەيتىپ تارقىلىشىنى توسۇش
ۋاقىت دىمەك بارلىق دىمەك ،ئالتۇن 72 سائەت، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، ئىككى سائەت ئىچىدە ئەڭ ياخشى
خۇددى ئەمدىلا كۆيگەن كىچىك ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈش ئەڭ ئاسان بولغاندەك، ۋىرۇسنى قىسمەن جايلاردا تازىلاش ئەڭ ئاسان
خەتەرلىك ئاشكارىلىنىش قىلمىشى يۇزبەرسە ، ھەرگىز ساقلاپ تۇرماڭ ، پەرەز قىلماڭ، تەلەي سىناپ قالماڭ
دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ
بۇ «ئۆزى دورا سېتىۋېلىپ يېيىش» ئەمەس، چوقۇم دوختۇرنى ئىزدەش كېرەك
توسۇش دورىسى رېتسىپلىق دورا، خالىغانچە سېتىۋىلىپلا يىمەسلىك كىرەك
خاتا بولغان دورا ياكى مىقدارىدا توسۇش مەغلۇپ بولۇپلا قالماي يەنە بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن
سىز چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
✅ دەرھال بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق دوختۇرخانىغا بارىمىز
✅ دوختۇرغا يۇقۇملىنىش خەۋپىنى باھالىتىمىز
✅ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىمز
✅ شەخسىي ئەھۋال ( جىگەر ، بۆرەك ئىقتىدارى ، ھامىلدار بولۇش بولماسلىق قاتارلىقلار ) لايىھەسىگە ئاساسەن
✅ ئەكس تەسىر ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش
ئېسىڭىزدە بولسۇن: بۇ كەسكىن داۋالاش قىلمىشى، چوقۇم كەسپىي باھالاش، دورا يېزىش ۋە قايتا قوغلاپ تەكشۇرۇش قىلىش كېرەك28كۈن: باشلانسىلا، مېڭىپ بولۇش كېرەك
توسۇش ئۈچۈن دورىنى ئۇدا 28 كۈن ئىچىش كېرەك، چۈشۈرۇپ قويماسلىق، توختاتماسلىق كېرەك
بويسۇنۇش مۇۋەپپەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ
بەزىلەردە بېشى قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئىنكاسلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىشى، ئۆزى دورا توختاتماسلىق كېرەك
دورا ئىچىش مەزگىلى ۋە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، چوقۇم دەل ۋاقىتىدا دوختۇرخانىغا قايتىپ قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنىلا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ ، يەنە ئاشكارىلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك
تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، دوختۇرنى ئىزدەش، بەرداشلىق بېرىش
دورا ئارقلىق توسۇش " پۇشايمان قىلىدىغان دورا " ، بىراق " ھەممىگە قادىر دورا " ئەمەس ، توسۇشتىنمۇ مۇھىم ، مەڭگۈ ئالدىنى ئېلىش – بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ ، خەتەرلىك قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش
ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاشكارىلىنىپ قالسا
ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، كېچىكتۈرمەڭ
ئىلىم - پەن « قورال » سىزنىڭ يېنىڭىزدا
بىزنى بۇ يەردە
كەسپىي ، مەخپىي قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بىزنىڭ ئورتاق ئىشىمىز
بالدۇر توسۇپ، ئىلمىي يۈزلىنىش كېرەك






