ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا ئەيدىز كىسىلىگە تەرەققىي قىلامدۇ؟
ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى يەنى ئەيدىز بولسا ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى. ئەگەر داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى تەخمىنەن 4 ~ 8 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدۇ
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى،بىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن گەپ ۋاقتىدا داۋالاتمىسا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4.7 يىلدا ئەيدىز كېسىلى مەزگىلىگە يېتىپ بارىدۇ
بەختكە يارىشا، ئەيدىز تېببىي ساھەسىدىكىلەر قىرىق يىللىق تەرەققىيات، ئىزدىتىش ئارقىلىق، بىرلەشمە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى توسۇپ، يۇقۇملىنىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىمارلارنى نورمال كۈتۈلمە ئۆمۈرگە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ ئىززەت ئابرۇي بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى
ئەڭ يېڭى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش كۆرسەتمىسىگە ئاساسلانغاندا، يۇقۇملىنىشنىڭ ئۆتكۈر مەزگىلى ئادەتتە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە يۈز بېرىدىكەن، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بىر قەدەر يېنىك بولۇپ،1 ~ 3 ھەپتە داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدىكەن. لېكىن ۋىرۇس يوقاپ كەتمەيدىغان بولۇپ،بەلكى كلىنىكىلىق يوشۇرۇن مەزگىلى ( ياكى كېسەللىك ئالامىتى يوق مەزگىلى ) دەپ ئاتالغان كېيىنكى يۇقۇملىنىش باسقۇچىغا كىردىكەن
بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى، بولۇپمۇ كېيىنكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بەدەننى ئاسانلا پۇرسەتلىك يۇقۇملاندۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇقۇملىنىشنىڭ بەزى دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەدرىجىي زىيانغا ئۇچراۋاتقان تەقدىردىمۇ، بىر ئادەمدە پۈتۈنلەي كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن. ئىممۇنىتېتلىق مۇداپىئە سىستېمىسى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاندا، بەزى ئېغىر ھەم ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن