ئەيدىز بولسا ئ ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاستا خاراكتېرلىك پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ، ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا چېقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھەرخىل ئېغىر يۇقۇملىنىش ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئاسانلا قوزغىلىپ، ئاخىرىدا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق تىپى ئەيدىز -1 تىپ.
ئەيدىز كېسىلىنى ئاساسىي تونۇش ۋە زىيىنىنى چۇشۇنۇش
ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالايدىغان دورا يوق ھەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا كەمچىل. ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانسا، تۇرمۇشقا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆمۈر بويى دورا ئىچىشى كېرەك، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇپ، ۋىرۇس ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئاساسلىقى قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئوغرىلىقچە تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بوغۇم ئاغرىش، تېرە قوقاق، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك ؟
ئەيدىز ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ يول بىلەن تارقىلىدۇ
جىنسىي تارقىلىش، قان تارقىلىش ۋە ئانىدىن بالىلارنىڭ تارقىلىشى
- جىنسىي قىلمىش يۈز بەرگەندە، بىخەتەرلىك قېپىنى توغرا ئىشلىتىپ، ئالدىنى ئېلىش جىنسىي تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك
- ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشماسلىق، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك
- زەھەر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
- ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار تەدبىر قوللىنىپ ئانىدىن بالىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشى كېرەك
- ئاشكارىلانغاندىن كېيىن 72 سائەت ئىچىدە دورا ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
- ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەش، خەتەرلىك قىلمىشلارنى رەت قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى
ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، ئۇنى كۆپەيتىش دەرھال باشلىنىدۇ ھەم زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھازىرچە داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بالدۇر بايقالغان، بالدۇر داۋالىغاندا تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تارقىلىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار ياكى سەھىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتلىرىغا بېرىپ ئەيدىز كېسەللىكى ئانتىتېلاسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاپ تەكشۇرتسە بولىدۇ. دىئاگنوز قويۇشتا ئۆلكىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش مەركىزى دىياگونوش قويىدۇ
ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق توغرا مۇئامىلە قىلغىلى بولىدۇ
چوقۇم ئەيدىز بىمارىنى بايقىغان چېغىمىزدا ھېسداشلىق، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىشىمىز، يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك ياكى چەتكە قاقماسلىقىمىز، ئۇلارنىڭ شەخسىي سىرى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنى نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەت قىلالايدىغان قىلىشىمىز كېرەك
ئەيدىز كېسىلىنى دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە مۇلازىمەت قوللىشى
دۆلەت ھەقسىز ئەيدىز كېسىلىنى ئىختىيارىي مەسلىھەت بېرىپ تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەر دەرىجىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركەزلىرى ۋە بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا مۇلازىمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش نىزامى»غا ئاساسەن، دۆلەت ئىختىيارى مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى پۈتۈنلەي مەخپىي تۇتىدۇ.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھەر بىر ئادەم ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىش، توغرا بىلىملەرنى تارقىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى قوشالايدۇ.






