更令人振奋的是,随着艾滋病抗病毒治疗(ART)的飞速发展,感染者体内的病毒载量已能被有效控制至“检测不到”的水平(即U=U,Undetectable=Untransmittable)这意味着,抗病毒治疗可极大地降低传染性。
كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە ھەر بىر ئادەم بىردىنبىر باش پېرسوناژ بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە ھېكايىلەرنى توقۇيدۇ. لېكىن تارىختا بىر توپ گۇناھسىز كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان خاتا چۈشەنچە سەۋەبىدىن جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭلۇرىدا چەتكەقىقىشقا ئۇچۇردى، ئەسلىدە بولماسلىققا تېگىشلىك بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىشكە بەرداشلىق بەردى. بىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا بولغان تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىلىم نۇرى ئارقىلىق نادانلىقنى تۈگۈتۇپ، ھەرىكەت كۈچى بىلەن باراۋەرلىكنى يارىتىدىغان ۋاقىت كەلدى
- بىلىم: كەمسىتىش تۇمانلىرىنى تارقىتىۋېتىشتىكى ئۆتكۈر قىلىچ
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان:ئۇنىڭدا ئاساسلىقى قان، ئانىدىن بوۋاققا ۋە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تارقىلىدۇ
كۈندىلىك قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلاش، بىرلىكتە غىزالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قىلمىشى بۇ ھىيلىگەر ۋىرۇس تارقالمايدۇ
كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىغىنى، ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى " تەكشۈرۈلمەس" سەۋىيەگە كونترول قىلىندى، بۇ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
ئەيدىز كېسىلى ئىلگىرى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ ئىسىم تەدرىجىي ئالدىنى ئالغىلى، كونترول قىلغىلى بولىدىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەل دەپ تەدرىجىي قايتىدىن تىكلىمەكتە. بىز ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جامائەت ئېڭىمىزنى ئۆستۈرسەكلا، ئۇنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قالالايمىز
- ھەرىكەت: «كەمسىتمەس» مۇستەھكەم سېپىلى بەرپا قىلىش
ھۆرمەت قىلىش كىشىلىك ئالاقىدىكى ئەڭ ئىللىق سۆزلۈك .ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇلارغا تېگىشلىك ھۆرمەت ۋە چۈشەنچە بېرىشىمىز، ئۇلارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى خالىغانچە سورىماسلىقىمىز، مەخپىيەتلىكىنى تېخىمۇ تارقاتماسلىق، ھۆرمەت قىلىشنى بىز ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان مىزان قىلىشىمىز كېرەك
باراۋەرلىك ھەر بىر ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئارزۇ قوغلىشىش، خىزمەتكە ئاتلىنىش، تەربىيەدىن بەھرىمان بولۇش ۋە مۇھەببەتنى قۇچاقلاش ئەركىنلىكى بار. تىلدا زوراۋانلىق قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۆزۈمىزدىن باشلاپ، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بولغان بەلگىلەرنىڭ ئورنىغا مەسىلەن«ئەيدىز بىمارلىرى» دېگەندەك «ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى» دېگەن ئوبيېكتىپ ھەم ھۆرمەت قىلىنغان ئاتالغۇنى ئىشلىتىش
ئۇنىڭدىن باشقا، بىز خەتەرلىك كىشىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەيدىزنى تەكشۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشىمىز ھەم يۇقۇملانغانلارنى زۆرۈر بولغان پسىخىكىلىق قوللاش ۋە داۋالاش بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ، مۇھەببەت ۋە ئۈمىدنى ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك
- كۆرۇش: ئۇلار ئوخشاشلا چاقناپ تۇرغان نۇرغا ئىگە
ئەيدىز كېسىلىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئالدىدا بىز ھەم گۇۋاھچى ھەم ئىشتىراكچى. بىز قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىلىمىمىز بىلەن خاتا چۈشەنچەنى تۈگىتىپ، ھەرىكىتىمىز بىلەن ھۆرمەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نۇرنى قەلبىمىز بىلەن ھېس قىلىپ، كەمسىتمەس، مۇھەببەت ۋە ئۈمىدكە تولغان دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلايلى. ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، ھەقىقىي باش جىنايەتچىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى، ھەرگىزمۇ گۇناھسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئەمەس!






