مايمۇن چېچىكى ئەر ھەمجىنىسلارغا خاس كېسەللىك ئەمەس، لېكىن ئىسپېرمىدىكى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ ئاكتىپلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق تېببىي ژۇرنال «ياۋروپانى كۆزىتىش» دە مايمۇن چېچىكى توغرىسىدىكى تەتقىقات مەخسۇس سانى ئېلان قىلىنغان. جەمئىي تۆت پارچە ماقالە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2022 - يىلى 5 - ئايدا ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيەدە مايمۇن چېچىكى كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇلغان كىسەللىكلەر تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش جەريانىدىكى دوكلاتنى ئىلان قىلغان . تەتقىقاتچىلار تۇنجى قېتىم ئىتالىيەدىكى ئۈچ نەپەر مايمۇن چېچىكى بىمارىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققان. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپادا 2022 - يىلى 5 - ئايدىكى ئىككى قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشىدا كەڭ كۆلەملىك جىنسىي مۇناسىۋەت بۇ نۆۋەتلىك مايمۇن چېچىكىنىڭ يامراپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. گەرچە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى مايمۇن چېچىكى بىمارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەر ھەمجىنىسلار بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ، بەلكىم بەدەن تېرىسىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن