ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى
يۇقۇملانغۇچىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مۇنداق بىر ئىشتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ:نېمە ئۈچۈن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن دورا ئىچىشكە باشلسىمۇ يەنە ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تور بېكىتىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ داۋالانغاندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتى توغرىسىدىكى بىر پارچە دوكلاتنى ئېلان قىلغان. ئاساسلىق سەۋەبلەردىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچى بار
بىرىنچىدىن.ئانالىز قىلىنغان سانلىق مەلۇمات پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئېلىپ بولغان بىر تەتقىقاتتىن كەلگەن. بۇ دوكلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتى 2020 - يىلى 10 - ئايدىن 2022 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەر شارىدىكى 28 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 18 مىليون ئەيدىز كېسىلى بىمارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئەيدىز كېسىلى قۇتقۇزۇش پىلانى ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. دوكلات سانلىق مەلۇمات ئالدى بىلەن ياش بويىچە ئايرىش، ئۆلۈم ئېھتىماللىقىغا ستاتىستىكا ئېلىپ بىرىلغان
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى% 4.9 ؛ بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %2.5 ؛ بەش ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %0.5؛ 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %0.7 ؛ 50 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %1.4بولغان
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەب ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دورا ئىچكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ئىچىدە، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىكى بىردىنبىر ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى پەقەت بىرلا:بايقالغان ۋە داۋالانغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش، شۇنداقلا تۇبېركۇليوز كېسىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر
بۇ ئۆلۈپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تۈر ئۈچ قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قاتلامنىڭ بايقىلىشى ئاخىرقى باسقۇچ. دورا ئىچكەن تەقدىردىمۇ ئۆلۈم ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بايقاش يەنى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشنىڭ مەنىسى قەرەللىك تەكشۈرتمەي، باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەنلىكتىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش دېگەنلىكتۇر. تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان . بۇ بىزگە قەرەللىك تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
ئىككىنچى قاتلام مەنىسى ئەگەشمە كېسەللىك. ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئىچىدە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تۇبېركۇليۇز بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىرلىشىپ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىزدە تۇبېركۇليوز كېسىلىدىن باشقا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، يۈكسەك دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ
ئۈچىنچى قاتلام مەنىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ رولى تۈپەيلىدىن، ياغ مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ مېتابولىزمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مەركەزلەشكەن. يەنى بىز ئادەتتە «ئۈچ يۇقىرى» دەپ ئاتايمىز، يەنى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان قەنتى ئېشىپ كېتىش. بىز بۇ ئەھۋاللارغىمۇ ئالاھىدە.كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك
شۇڭا، قەرەللىك تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش، ھەرىكەتنى كۆپەيتىش قاتارلىق كۈندىلىك قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتلەر دەل بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ساقلاش ھەرىكىتىمىزدۇر