نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتىمىز؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكشۈرۈلگەن ۋە دىئاگنوز قويۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، ھەر 100 دىن 90 دىن كۆپرەكى جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغان. بىخەتەر بولمىغان قىلمىش يۈز بەرسە، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. دۆلىتىمىزدە يەنە خېلى بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىغاچقا، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ
تەكشۈرۈش شەخسكە بولغان پايدىسى كۆپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇرراق بايقىغىلى بولىدۇ، بالدۇر بايقىغاندىلا بالدۇر داۋالىغىلى، ھاياتنى ئۇزارتقىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. بالدۇر تەكشۈرۈپ بالدۇر بايقىغاندا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تەدبىر قوللانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، گاندون ئىشلىتىش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش، يەنى ئۆزىنى ۋىرۇسنىڭ يەنىمۇ زىيىنىدىن قوغداش، شۇنداقلا ھەمراھىنى قوغداش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يەنىمۇ تارقىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ
تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك ؟
بىرىنچى. شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ھەقسىز، مەخپىي، كەسپىي مەسلىھەت بېرىش ۋە پىسخىكىلىق قوللاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيسىز
ئىككىنچى.ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق قوبۇل قىلىش كېرەك، قانچە بالدۇر داۋالىسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ
ئۈچىنچى. دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش دورىلىرى بار، ھەر بىر رايوندا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قانات يايدۇرىدىغان نۇقتىلىق دوختۇرخانا بار
تۆتىنچى.قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، جىنسىي ھەمراھىنى يۇقۇملاندۇرماسلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىنسىي ھەمراھىغا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك
بەشىنچى.ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ