当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

感染了HIV无可救药吗?ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۋالغىلى بولمامدۇ؟

发布日期:2024-03-17 点击:
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنى قۇتقۇزۋالغىلى بولمامدۇ؟
بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىغاندا ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ھاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كۆرسەتمىسىدە مۇنداق تەكلىپ بېرىلگەن:يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان ھامان، مەيلى س د 4 لىمفا ھۈجەيرىسى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەرھال ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى بىرلەشمە داۋالاشنى باشلاش كېرەك. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك پايدىسى بار 
بىرىنچىدىن، دورىغا  بولغان چىدامچانلىقنى   ئازايتقىلى بولىدۇ. كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بالدۇر داۋالاش مۇقەررەر ھالدا دورىغا چىدامچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايلا قالماستىن، بەلكى دورىغا بولغان چىدامچانلىقنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كېيىن داۋالانغان بىمارلارنىڭكىدىن كىچىك بولىدىكەن. دورىغا چىدامچانلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسلىقى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىش - ئىچمەسلىككە باغلىق، ئوخشاش بىر داۋالاش لايىھەسى، بېقىنىشچانلىقى ياخشى بىمارلار ئون نەچچە يىل يېسىمۇ دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولمايدۇ، بېقىنىشچانلىقى ياخشى بولمىغان بىمارلار بىر يىل يېسىلا دورىغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن
ئىككىنچىدىن، دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دورىنىڭ ناچار تەسىرىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، س د 4 ھۈجەيرىنىڭ سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاندا داۋالاشنى باشلىسا، دورا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرنى ئازايتىشقا ياردىمى بولىدىكەن
ئۈچىنچىدىن.ئىممۇنىتېتنى قايتا قۇرۇشقا پايدىلىق. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرغاندىن كېيىن، كېسەللىك يۈكى تۆۋەنلەپ،  س د 4 ھۈجەيرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تەدرىجىي ئەسلىگە كىلىدۇ
تۆتىنچى، ئەگەشمە  كېسەللىكلەرنى  ۋە پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بالدۇر داۋالىغاندا س د 4 ھۈجەيرە سانىنى بەلگىلىك سەۋىيەدە ساقلاپ، پۇرسەتلىك  يۇقۇملىنىشنىڭ  خەۋپ خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆرەك ئىقتىدارى نورمالسىز بولۇش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، راك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدۇ
بەشىنچى، ئىقتىسادى  يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلەت ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئەگەر داۋالاش كېچىكتۈرۈلسە، ئاسانلا پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش يۈز بېرىدۇ، شەخس يۇقىرى سوممىلىق تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش خىراجىتى سەرپ قىلىشىقا توغرا كىلىدۇ
بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش ئىنتايىن ئىلغار، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، قانچە بالدۇر داۋالانسا كېسەللىك يۈكىنى شۇنچە بالدۇر كونترول قىلغىلى، ئىممۇنىتېتنى قانچە بالدۇر قايتا قۇرسا، بەدەن شۇنچە ساغلام بولىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق جەمئىيەتكە قايتشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمگەك كۈچىدىن مەھرۇم قالىدىغان ھەتتا تۇرمۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدىغان ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. 2011 - يىلى ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە يۇقۇملانغۇچىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە داۋالىغاندا يۇقۇمچانلىقىنى %97 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【沙雅县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有