当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

关于HIV感染者长寿的口诀ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن ياشىشىغا مۇناسىۋەتلىك چارىلەر

发布日期:2024-02-01 点击:
كىسەللىك ۋىرۇسىنى كونتىرول قىلىشتا بۇ ئالتە خەتلىك ئەپچىل چارىگە ئەمەل قىلىش كىرەك
ئەيدىز ۋىرۇسىنى قانداق قىلغاندا ياخشى كونتىرۇل قىلغىلى بولىدۇ؟
 گۇاڭجۇ سەككىزىنچى خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى لىڭ خۇا مۇدىر بۇ ئالتە خەتلىك ئەپچىل چارىگە خۇلاسىلىدى،يەنى: بالدۇر، تېز، كۈچلۈك، ئاسان، ئۇزاق، چىداملىق بولۇش
بىرىنچى، [ بالدۇر ] بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، بايقىغان ھامان داۋالاش، مەيلى س د تۆت ھۈجەيرە سانى قانچىلىك بولسۇن، دەرھال داۋالاشنى باشلاش، شارائىتى بارلار ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كۈنىلا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ
 ئىككىنچى، [ تېز ] قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇشقا پايدىلىق
ئۈچىنچى، [ كۈچلۈك ] ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رولى كۈچلۈك دورا ( لايىھە ) نى تاللاش ياكى يەككە تەن ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش لايىھىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش
 تۆتىنچى، [ ئاسان ] دورىنىڭ ئەكس تەسىرى كىچىك، ئىچىش قولايلىق، ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان داۋالاش لايىھىسىنى تاللاش
 بەشىنچى، [ ئۇزاق ] ئىمكانقەدەر دورا ئىچىش قېتىم سانى ئاز دورىلارنى تاللاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش
ئالتىنچى، [ چىداملىق ] دورىغا چىدامچانلىق توسۇقى يۇقىرى دورىلارنى تاللاش، داۋاملىق دورا ئىچەلەيدىغان، ئەمما دورىغا چىدامچانلىق پەيدا قىلمايدىغان بولۇش
نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى يىلدا بىر قېتىم ھەقسىز ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ، شەخسلەر ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزى پۇل چىقىرىپ تەكشۈرسە بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، داۋالاشنىڭ تۇنجى يىلىدا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈش، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈش، يەنى ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋىرۇس مىقدارىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەكشۈرۈش كېرەك
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مېدىتسىنانىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى تىپتىكى ئانتىبىئوتىك دورىلار ئارقا - ئارقىدىن بازارغا سېلىندى، داۋالاش لايىھەسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئەيدىز كېسىلى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندى. شۇڭا، يۇقۇملىنىش چۈشكۈنلۈك ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. پەقەت داۋالاشقا ماسلاشقاندىلا، ئۇزۇن ياشىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى داۋالاش دورىلىرى ياكى ئۇسۇللىرى بارلىققا كېلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە زۇكامغا ئوخشاش داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر قۇربىڭىز يەتسە، بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەيدىز كېسىلىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان «2030 يىلى ئەيدىز كېسىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ئۇلۇغۋار نىشانىنى بىرلىكتە تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرايلى

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【麦盖提县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有