当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

故意传播艾滋病有法律政策规定吗?ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەستەن تارقاتقانلارغا قانۇندا قانداق بەلگىلىمە بار؟

发布日期:2023-11-01 点击:
ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەستەن تارقاتقانلارغا قانۇندا قانداق بەلگىلىمە بار؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جىنسىي ھەمراھى ياكى جورىسىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئەگەر باشقىلار بىلەن داۋاملىق يۈز بەرگەن قوغدىنىش بولمىغان جىنىسي قىلمىش بولسا قەستەن تارقىتىش بولىدۇ. «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش نىزامى» نىڭ 38 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل بولۇش پاكىتىنى جىنسىي مۇناسىۋىتى بارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ، زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىپ، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن قەستەن تارقىتىشقا بولمايدۇ . 62 - ماددىسىدا:ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز كېسەللىرىدىن ئەيدىزنى قەستەن تارقاتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان «ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» گە ئاساسەن، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ياكى ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىپپەت - نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغان ياكى قەستەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ، باشقىلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغانلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك 
«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ياكى ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تونۇشتۇرۇپ، باشقىلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرغانلار قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ باشقىلارنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندۇرمىغانلار «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 360 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ياكى ئەيدىز كېسىلى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش جىنايىتى، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. ھازىر نۇرغۇن رايونلاردا ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن تارقاتقانلارنى قانۇن بويىچە جازالايدىغان دېلو مىساللىرى بار
ئەگەر خەتەرلىك جىنسىي قىلمىش يۈز بەرسە ئاكىتىپلىق بىلەن شۇ جايدىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىغا بىرىپ مەسلىھەت سوراش ياكى ئۆزى تەكشۈرگىلى بولىدىغان سىناق قەغىزى ئېلىپ تەكشۈرۈپ بېقىش كىرەك، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتجىسى بىنورمال چىقسا چوقۇم ۋاقىتدا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بىرىپ تەكشۈرتۈپ تىببىي خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە داۋالىتىش كېرەك
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، چوقۇم ۋاقتىدا جورىڭىز ۋە ھەمراھىڭىزغا ئېيتىڭ، قارشى تەرەپ سىزنى ئەپۇ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ھېچ بولمىغاندا بىر «توغرا ئىش» قىلىڭ، سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ھەمراھىڭىزنى ياخشى قەدىرلەڭ

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【高翔】

项目支持:【沙雅县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有