ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغىنىغا گۇمان قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىلار ئادەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا يۇقۇملانغانلىقىنى بايقايدىكەن: جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلىش، قان تەقدىم قىلىش، چىش تارتقۇزۇش، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش، بەدىنىدە بىنورماللىق بولغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئۆيدە سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن تاللاپ تەكشۈرۈش، ئىدارىدە خىزمەتكە قاتناشقاندا سالامەتلىك تەكشۈرۈش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغاندا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردا بايقىلىدىكەن
2017ـ يىلى يېڭىدىن پەيدا بولغان كېسەللەر ئىچىدە،95 %تىن كۆپرەكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە يات جىنىسلار ئارقىلىق تارقىلىش 69.6 %نى، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارقىلىق تارقىلىش 25.5 %نى ئىگىلەيدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاياللارغا قىزىقىشى بار نورمال ئەرلەرمۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئاساسىي قوشۇن». شۇڭا، مەيلى ھەمجىنىس ياكى نورمال ئەر بولسۇن، چوقۇم قەرەللىك تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك
بىرىنچى، قىزىپ قېلىش «قىلتاققا چۈشكەنلىك» بولامدۇ؟
يۇقۇملىنىشنىڭ تىپىك ئالدىن مۆلچەرلەش تىپىدىكى كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، قىزىش، ئىچى سۈرۈش، ئورۇقلاش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى پەقەت ئەسكەرتىش رولىنىلا ئوينايدۇ، دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىردىنبىر ئامال تەكشۈرۈش. يۇقۇملانغاندىن كېيىن خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ، بۇ باسقۇچتا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن يۇقۇمچانلىققا ئىگە. شۇڭا، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئەگەر ئۆزى مۇسبەت چىقسا، ئۆزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن دوستلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى جىنسىي ھەمراھىڭىزنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولسا، ئۆزىڭىزمۇ ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشىڭىز كېرەك. ئەيدىز كېسىلى بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس، ئۇ جىنسىي ئالاقە، قان ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ، پۈتۈن جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بىر كىشىلىك ك
ۈچ چىقىرىشى كېرەك
ئىككىنچى، قانداق ۋاقىتتا بېرىپ تەكشۈرۈش كېرەك؟
ئادەم بەدىنى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، قانغا يېتەرلىك مىقداردا يىغىلىپ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئانتىتېلانى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان بۇ باسقۇچ «كۆزنەك مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى كۆزنەك مەزگىلىنى يەتتە كۈندىن 11 كۈنگىچە قىسقارتالايدۇ، بۇ بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر ئىلگىرى خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن بولسا، ئالتە ھەپتىدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئەگەر نەتىجىسى مەنپىي بولسا، يۇقۇملىنىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر كۆزنەك مەزگىلىدە بولسا، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئالتە ھەپتە توشقاندىن كېيىن قايتا تەكشۈرۈش كېرەك، ئەگەر قايتا تەكشۈرۈش يەنىلا مەنپىي بولسا، ئاندىن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ
ئۈچىنچى، تاللاپ تەكشۈرۈش بىلەن ھەقىقىي ئىسپاتلاشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
بىر ئادەمنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتىشتە، تاللاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ( دەسلەپكى تاسقاش ) ۋە ھەقىقىي ئىسپاتلاش سىنىقىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچتىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. 1.دەسلەپكى تاسقاش. قان ئەۋرىشكىسىنى يىغقاندىن كېيىن، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئادەتتە ئېنزىم بىرلەشمە ئىممۇنىتېت تەجرىبىسى، خىمىيەلىك نۇر چىقىرىش تەجرىبىسى، ژېلاتىنا دانچىلىرىنى ئۇيۇتۇش تەجرىبىسى، ئىممۇنىتېتلىق خروماتوگرافىيە تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى تاللاپ تەكشۈرىدۇ ( ھەرقايسى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تەجرىبە دورىلىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن )، بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق بارلىق يۇقۇملىنىشنى ئاساسەن تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي بولسا، ھەقىقىي تەجرىبە قىلىش ھاجەتسىز. 2.ھەقىقىي ئىسپاتلاش. ئەگەر دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە «قايتا تەكشۈرۈش» دىگەن خەت بولسا ، گۇمانىي مۇسبەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ھەقىقىي تەجرىبە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا تەجرىبىخانا «ئانتىتېلانى ھەقىقىي تەكشۈرۈش دوكلاتى» چىقىرىپ بېرىدۇ. دەسلەپكى تاسقاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇش ياكى مەشغۇلات مۇۋاپىق بولماسلىق، ھۆكۈم قىلىش نەتىجىسىنى ئوقۇش خاتا بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ساختا مۇسبەت بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالنىمۇ قايتا تەكشۈرۈپ، يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىشكە توغرا كېلىدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ ھەقسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز
مۇسبەت چىقسا، «ئۆلۈمنى كۈتۈش»دىگەنلىك ئەمەس! مۇسبەت ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر گاڭگىراپ قالىدۇ، خۇددى بىر ئۆمۈر تۈگەشكەندەك ھېس قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش بەختلىك بولالايمىز، ھەتتا يۇقۇملىنىشتىن بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى ئۆتەلەيمىز! 2021 - يىلى 7 - ئايدا،11 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز ئىلمىي جەمىيىتى ئىلىم - پەن يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا:يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشلىغان، يەنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كەڭ كۆلەمدە زەخىملىنىشتىن بۇرۇن داۋالانغان كىشىلەرنىڭ «ۋىرۇس ساقلاش ئامبىرى» بىر قەدەر كىچىك بولۇپ، بۇ بەلكىم «ئىقتىدار خاراكتېرلىك ساقىيىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈمىدى بولۇشى مۇمكىن دېيىلگەن