当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

接吻会传播艾滋病病毒吗?سۆيۈشسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟

发布日期:2023-11-15 点击:
سۆيۈشسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟ 
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتا مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: يەنى ئالاھىدە بەدەن سۇيۇقلۇقى مۇھىتى، يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇس، مۇۋاپىق تارقىلىش يولى بولۇشى
كېرەك. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئالاھىدە بەدەن سۇيۇقلۇقىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى ياخشى ئاكتىپلىقنى ساقلاپ قالالايدۇ، بۇ قان، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
يۇقىرىقى بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا شۆلگەي يوق، چۈنكى شۆلگەي ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سۆيۈشكەندە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى شۆلگىيى بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
يۇقىرىقى بايانلارنى كۆرگەندىن كېيىن، سىز بەزى ئەھۋاللاردا سۆيۈشۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن؟ شۇنداق، گەرچە چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئىنتايىن زۆرۈر:ئەگەر ئىككىلا تەرەپتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ياكى چىش مىلىكى قاناش بولسا، بولۇپمۇ چوڭقۇر سۆيۈشۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىراق، مۇشۇنداق چەكتىن ئاشقان ئەھۋالدىمۇ، قائىدە - يوسۇن خاراكتېرلىك «ئىجتىمائىي ئالاقە» دە سۆيۈشۈش بىخەتەر بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يۈز بەرمەيدۇ
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بۇنداق چەكتىن ئاشقان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن يۇقۇملىنىشتا، ئەيدىز ۋىرۇسى شۆلگەي ئارقىلىق تارقالمايدۇ، بەلكى قان ئارقىلىق، تارقىلىش يولى قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ
يۇقىرىقى چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سىز نېمىنى ئويلىدىڭىز؟ توغرا، مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالىتىشنىڭ داۋلىسى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايدىغان باشقا يوللار:تەرلەش ياكى كۆز يېشى قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قۇچاقلىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، تەرەت قاچىسى ياكى مۇنچىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىش قاتارلىقلار
ئەگەر ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىم دەپ قارىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، يۇقۇملىنىش خەۋپى بار دەپ باھالانسا، بالدۇرراق دورا ئىچىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ خىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش پى ئى پى  دورىلىرىنى  ئىشلىتىشنى ۋىرۇس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە بالدۇرراق باشلاش، داۋاملىشىش ۋاقتىنى بىر ئاي قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە، دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە تارقىلىشتىن بۇرۇن  ئۇنى يوقىتىش، خەتەرلىك ھەرىكەت يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش لازىم

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【库车市】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有