بىرىنچىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا پىخسىك ساغلاملىق مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت
ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدۇ. يۇقۇملانغۇچىدا ئاسانلا خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش، پىسخىكىلىق سېزىمچانلىق، ماددىغا خۇمار بولۇش ۋە بەدەن شەكلى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كۆپ خىل پىسخىكىلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغانلىرىدا ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خەۋپى بولىدۇ. سىستېمىلىق ئومۇمىي بايان ۋە تەھلىللەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ 100 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن
ئىككىنچىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ پىسخىك ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار
ۋىرۇسنىڭ ئۆزى، دورىنىڭ ناچار تەسىرى، ئىجتىمائىي كەمسىتىش ۋە بەتنام چاپلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملانغۇچىدا پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىش رېئاكسىيىسىنى قوزغاش ئارقىلىق خامۇشلۇقنى پەيدا قىلىدۇ؛ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى ئىفېۋېرېن قاتارلىقلار بىلەن خامۇشلۇق تەشۋىشلىنىش، ئەقلىدىن ئادىشىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قىلمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى يوشۇرۇن ئەندىشە، تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ھەتتا تېببىي خادىملارنىڭ كەمسىتىشى ۋە سېسىق نامى ئۇلارنى قورقىتىدۇ ۋە ئەندىشىگە سالىدۇ
ئۈچىنچىدىن، پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاشقا ناچار تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ
يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ھەمىشە ناچار ئاقىۋەت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى، داۋالاش لايىھەسىنى خاتا چۈشىنىشى، كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە قارشى تۇرۇشى ۋە داۋالاشنى كەينىگە سۈرۈشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، داۋالاشقا بېقىنىش خاراكتېرلىك تۆۋەنلەش، داۋالاش ئۈزۈلۈپ قېلىش، زىيارەت قىلالماسلىق ۋە ئۆلۈش خەۋپى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىرۇس مىقدارىنىڭ قايتا ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بېقىنىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە قارىتا دائىملىق پىسخىكىلىق تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە پىسخىكىلىق ئارىلىشىشنى يولغا قويۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك
تۆتىنچىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىك مەسلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى
نۆۋەتتە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىگە قارىتا ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى ناھايىتى كۆپ، پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ تۈرى، سەۋەبى ۋە تەسىرىگە ئاساسەن ئەھۋالغا قاراپ تاللاشقا بولىدۇ. بىلىش ھەرىكىتىنى داۋالاش ئۇسۇلى ئاساس قىلىنغان كوللېكتىپ پىسخىكىلىق ئارىلىشىش خامۇشلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؛ تېببىي خادىملارنىڭ يۇقۇملانغۇچىلار بار.قارىتا ئىنسانىي غەمخورلۇق تەربىيىسى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق
گەرچە پىسخىكىلىق مەسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا داۋالاشتا ئەڭ ياخشىسى كەسپىي روھىي دوختۇر ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىسى بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي خادىملار كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتلىك تەربىيىلەنگەن باشقا كەسپىي تېببىي خادىملار، ئايرىم دېلو باشقۇرغۇچىلار، ئاساسىي قاتلام سەھىيە خىزمەتچىلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەتتا ئەتراپتىكى ھەمراھلار يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئاددىي ھالدا تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ چىقسا بولىدۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم يېنىك دەرىجىدىكى پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش ۋە باھالاش نەتىجىسى ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى بولغاندا، ئاندىن بۇ خىلدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنى روھىي دوختۇر ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىسىگە يۆتكەپ داۋالاش كىرەك