当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

艾滋病感染者如何预防流感?ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئىلىش كېرەك؟

发布日期:2023-10-16 点击:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار قىش پەسلىدە يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئىلىش كېرەك؟
ئەيدىز ۋىرۇسى ئەسلىدىنلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش. مەسىلەن، ئىممۇنىتېت كۈچى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بىر قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكام ئېغىر كېسەلگە تەرەققىي قىلىپ، كۆپ ئەزالارنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ س د 4 ھۈجەيرىسنىڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن ياكى ئۆزىدە ئەسلىدىنلا باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاسانلا ئېغىر كېسەلگە تەرەققىي قىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇنداقتا، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ بار. تۆۋەندە بىرلىكتە ئۆگىنەيلى
بىرىنچى،تارقىلىشچان زۇكام ارقىلىشچان زۇكام بولسا زۇكام ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى ئىكەنلىكىنى تونۇش. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مەسىلەن، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش قاتارلىقلار، يەنە ئېغىز بوشلۇقى، بۇرۇن بوشلۇقى، كۆز قاتارلىق شىللىق پەردە ئارقىلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىپ تارقىلىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام ئاساسلىقى قىزىش، باش ئاغرىش ۋە پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇشتىن باشلىنىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃ 39 ~ ℃ 40 بولىدۇ، ئۇنىڭغا تىترەش، بوغۇملار تېلىپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق پۈتۈن بەدەن ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئادەتتە 3 ~ 5 كۈن بولىدۇ. لېكىن يۆتىلىش ئالامەتلىرى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئادەتتە 1-2 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن
ئىككىنچى، ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى
ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ئارقىلىق  سالامەتلىكىمىزنى ئاسراپ ، تۇرمۇش سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك . مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىدىغان پەسىلدە ئادەم زىچ سورۇنلاردا ھەرىكەت قىلىشنى ئازايتىش، ئىلمىي ماسكا تاقاش، قولنى پات ـ پات يۇيۇش قاتارلىقلار، كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
1.شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، قولنى پات ـ پات يۇيۇش، بولۇپمۇ يۆتىلىش ياكى چۈشكۈرگەندىن كېيىن
 2.ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، تولۇق ئارام ئېلىش، تۈنەشتىن ساقلىنىش
3.ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاپ، ئاقسىل تولۇقلاش كېرەك. مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك سۇ ئىچىش، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپ يېيىش
4.مۇۋاپىق چېنىقىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش
 5.ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا كىيىم - كېچەكلەرنى كۆپەيتىپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەل ھالەتتە  ئىشقا بارماسلىق، دەرس ئۆتمەسلىك، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك
ئۈچىنچى، ۋاكسىنا  ئەملەش 
تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى ياخشى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ھەر يىلى تارقىلىشچان زۇكام كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ( ئەڭ ياخشى ئەملەش ۋاقتى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەملەش كېرەك ) ۋاقتىدا بىر قېتىم تارقىلىشچان زۇكام پاسسىپلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە، تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇش ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【麦盖提县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有