当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

传染性疣的治疗方法 يۇقۇملۇق يۇمشاق سۈگەلنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى

发布日期:2023-10-11 点击:
يۇقۇملۇق يۇمشاق سۈگەلنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى
بىرىنچى،سۆگەلنى قىسىپ ئېلىۋېتىش:%2 لىك يود - ۋولت بىلەن تېرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروبسىز چىش موچىنى ياكى قان تومۇر قىسقۇچ بىلەن ئەسۋىنىڭ ئاستى قىسمىنى بويلاپ سۆگەلنى قىسىپ ئېلىۋېتىپ، ئاق رەڭلىك سۆگەلنى سىقىپ چىقىرىپ، بېسىپ قان توختىتىش، ئاندىن %2 لىك يود - ۋولت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك
 ئىككىنچى، چېكىپ سۇۋاش ئۇسۇلى:پەلكۈچنى %2.7 ~ %3.3 لىك مۇرەككەپ كرېزول سوپۇننىڭ دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ( لىزول ئېرىتمىسى ) غا چىلاپ، يۇمشاق سۆگەلنىڭ يۈزىگە بىۋاسىتە سۈركەپ،10 كۈندىن كېيىن بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ. بىر قەدەر چوڭ ئەسۋە بولسا، يۇمشاق سۆگەل كىچىك تەنچىسىنى قىسىپ ئاندىن ئازراق سۈركەش كېرەك. ئەگەر سۆگەل كۆپ بولسا، قېتىمغا بۆلۈپ داۋالىسا بولىدۇ

ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى 
بىرىنچى،گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە، يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئىككىنچى، جىنىسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى - كەينىدە يۇيۇنۇش، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ تازىلىقىنى ساقلاش، لېكىن زىيادە ئۇۋلاپ يۇيۇشقا بولمايدۇ، تېرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. سىرتقا چىقىپ يۇيۇنغاندا ياكى سۇ ئۈزگەندە، تازىلىق شارائىتى ياخشى سورۇننى تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلار بىلەن لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
 ئۈچىنچى، يۇمشاق سۆگەلگە گىرىپتار بولغاندا تاتىلاشتىن ساقلىنىش، ئۆز بەدىنى ئارقىلىق كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
تۆتنچى، بىمارنىڭ لۆڭگە ، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق بۇيۇملىرىنى ئايرىم ئىشلىتىش، كىيىملىرىنىمۇ قاينىتىپ دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك
كۆپچىلىك يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەلنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماسلىقى، بەدەندە ئۆزگىرىش بولغان ھامان ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ، كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. پەقەت دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلاشقاندىلا، سالامەتلىكىنىڭ تېزلا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، لېكىن جەريانى ئازابلىق ۋە ئۇزۇن بولىدۇ؛ سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، لېكىن داۋالىغاندىن كېيىن ئۈچ يىل كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ ھەمدە قان زەردابى ئانتىتېلاسى ئۆمۈرۋايەت مۇسبەت بولىدۇ؛ جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ ؛ سۆزنەكنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ؛ سۈيدۈك ئاجرىتىش ـ كۆپىيىش يولى تراخوما خلامىدىيىسى بىلەن يۇقۇملانسا داۋالاپ ساقايتىش جەريانى بەزىدە جاپالىق بولىدۇ؛ جىنسىي كېسەلگە ھېچكىم ئېرىشىشنى خالىمايدۇ. لېكېن ئەگەر قاپچۇق تاقىمىسا، جىنسىي كىسەلدىن ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ
ناچار قىلمىشتىن يېراق تۇرۇپ،  ساغلام، خۇشال ھالدا ياشاڭ. ئۆزىڭىزنىڭ يولىدا مېڭىڭ، يولدىن ئۆتكەن غەيۋەت - شىكايەتلەرنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ
 مۇھىم ئەسكەرتىش :بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان دورىلاردىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، كونكرېت دورا ئىشلىتىشتە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【高昌区】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有