当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

忘记吃药怎么办?ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالغاندا قانداق قىلىشى كېرەك؟

发布日期:2023-10-03 点击:
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش جەريانىدا، ھەر خىل كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ياشلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، مېھماندارچىلىقى كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟ دەرھال دورا تولۇقلاش كېرەكمۇ؟ تولۇقلاپ ئىچكەندىن كېيىن كېيىنكى قېتىملىق دورىنى يەنە قاچان يېيىش كېرەك؟ تۆۋەندىكىسى تەھرىر رەتلىگەن بىر قىسىم \ بىلىملەر پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
دورا تولۇقلاش پىرىنسىپى
ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، دورىنى بىۋاسىتە بىر قېتىم ئارتۇق يەيدۇ ياكى مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىچىدۇ، بۇ ئىلمىي ئەمەس. ئۇنتۇپ قالغان دورىنى تولۇقلاش - تولۇقلىماسلىق دورىنى يېيشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىتقا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «دورا ئىچمىگەن ۋاقىت دورا ئىشلىتىش ۋاقىت ئارىلىقىنىڭ 1/2 دىن ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى» پىرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئەگەر دورا ئىچمىگەن ۋاقىت ئىككى قېتىملىق دورا ئىشلىتىش ۋاقىت ئارىلىقىنىڭ 1/2 ئىچىدە بولسا، ئەسلىدىكى مىقدارى بويىچە دەرھال تولۇقلاپ ئىچىش كېرەك. كېيىنكى قېتىم دورا ئىچىش يەنىلا ئەسلىدىكى ۋاقىت بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئەگەر دورا ئىچىشتىن چۈشۈپ قالغان ۋاقىت دورا ئىشلىتىش ئارىلىقىنىڭ 1/2دىن ئېشىپ كەتكەن بولسا ئادەتتە دورىنى تولۇقلاپ يېمىسىمۇ بولىدۇ
دورىنى ئېچىشنى ئۇنتۇپ قىلىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟
 ئەيدىزۋىرۇسىغا قاارشى داۋالاشتا دورىنى ۋاقتىدا ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم، بىز دورىنى مۇقىم ھەم كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويساق بولىدۇ، ھەر قېتىم كۆرۈپ تۇرساق ھەر ۋاقىت دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ دورا ئىچىشنى ئەسكەرتكىلى بولىدۇ
سائەتنى قوڭغۇراققا توغىرىلاپ قويۇش، مەسىلەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇراقلىق سائەت ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ دورا يېيىشنى ئەسكەرتىش ياكى ئەسلەتمە ( ئەتىگەنلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ) ئەسكەرتىش ئىقتىدارى، پەقەت ئەسلەتمىگە ئىستېمال قىلىش ۋاقتى، ئىستېمال قىلىش مىقدارى ۋە قېتىم سانىنى يېزىپ قويسىاقلا بولىدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك ھەر كۈنى يان تېلېفون ئېلىۋالىدۇ، دورا ئىشلىتىدىغان ۋاقىتتا يان تېلېفون ئاپتوماتىك ھالدا مۇزىكا قويىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى باشقا ئۇسۇللارغا قارىغاندا ياخشى بولىدۇ؛
تۈرگە ئايرىلغان دورا قۇتىسى، ئادەتتە تۈرگە ئايرىلغان دورا قۇتىسىنىڭ ئىچىدە يەتتە كىچىك كاتەكچە بار بولۇپ، دەل بىر ھەپتىلىك دورا مىقدارى، ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىچسە بولىدۇ، ھەر بىر كىچىك كاتەكچىگە شۇ كۈنى ئىچدىغان دورىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، قايسى كاتەكچىدىكى دورىىنى يېسىلا قايسى كۈنى دورا يېمىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ؛
دورا ئىچىش جەدۋىلى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارراق كىشىلەرگە بىر جەدۋەل تۈزۈپ، دورا نامى، دورا ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە ھەر كۈنى دورا ئىچىش قېتىم سانىنى جەدۋەلگە يېزىپ، ھەر قېتىم دورا ئىچكەندىن كېيىن ئۈستىگە «√» بەلگىسى قويۇپ، دورا يېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛
خىزمەت قىلىدىغان جايغا ياكى سومكىسىغا ئازراق دورا تەييارلاپ قويۇش، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ياكى ماشىنا توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك
نۆۋەتتە ،ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى دورا ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ ،دورا ئېچىشنى ئۇنتۇپ قىلىش ئىشىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئامال بار دوختۇر بىلەن داۋالاش لايىھەسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە  دورا ئىچىش، دورا ئىچمەي قېلىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ئاندا - ساندا دورا يېيىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، زىيادە جىددىيلەشمەسلىك، بىر قېتىم دورا يېمىگەنلىكتىن تەشۋىشلەنمەسلىك كېرەك
 

信息来源:【本站原创】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【喀什市】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有