当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

سەككىزىنچى ئايدا جۇڭگونىڭ ئىچىكىرى رايۇنلىرىدا مايمۇن چېچىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان كىسەللىك 501

发布日期:2023-09-13 点击:
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،1 - ئاۋغۇستتىن 31 - ئاۋغۇستقىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ( شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) يېڭىدىن 501 نەپەر مايمۇن چېچىكى كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدا 95، جېجياڭدا 77، بېيجىڭدا 54، سىچۈەندە 54، شاڭخەيدە 32، جياڭسۇدا 29، گۇاڭشىدا 21، تيەنجىندە 13، خۇنەندە 13، خېنەندە 13، چۇڭچىڭدا 12، ئەنخۇيدا 12، يۈننەندە 11، خۇبېيدا 11، شەندۇڭدا 10، شەنشىدە 7، خېبېيدا 7، فۇجيەندە 7، خېيلۇڭجياڭدا 6، جىلىندا 5، سەنشىدە تۆت، ئىچكى موڭغۇلدا ئۈچ، لياۋنىڭدا ئىككى، گۇيجۇدا ئىككى، جياڭشىدا بىر بولۇپ، ئېغىر كېسەل، ئۆلگەن كېسەل يوق ئىكەن
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:بىرىنچى، %98.9 كېسەللىك ئەرلەردە، %92.5 كېسەللىك ئەر ھەمجىنىسلاردا كۆرۈلگەن. ئىككىنچىسى، كېسەللىك مىسالى ئىچىدە بەش ئايال بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىشتىن 21 كۈن بۇرۇن يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولغان، يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ، يات جىنسلىق ھەمراھلار ئىچىدە ئۈچ ئايال مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغان، بىر ئايال يېقىنقى مەزگىلدە ئەسۋە چىققان، بىر ئايالدا مايمۇن چېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. ئۈچىنچى، باشقا ئۇچرىشىش ئۇسۇلى تارقىلىش خەۋپ خەتىرى تۆۋەن. جىنسىي ئۇچرىشىشتىن باشقا قويۇق ئۇچراشقانلار ئىچىدە پەقەت بىرلا ئادەم يۇقۇملانغان. تۆتىنچى، %93.2 كېسەللىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىياگنوز قويۇپ بايقالغان، %5.3 يېقىن ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بايقالغان، قالغانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايقالغان. بەشىنچىدىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېسەللىك مىسالىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىش، قاپارتما، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئېغىر كېسەل، ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى يوق

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【沙雅县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有