ئالتنچى،خاتا چۈشەنچە: بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قارىماققا بىنورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىردىنبىر يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتىدىغان ئۇسۇل بولسا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
يەتتىنچى،خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ
ئەمەلىيەتتە، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاشنىڭ ياردىمىدە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارئۆمرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ
سەككىزىنچى، خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسى سىېناشتا ئەگەر سىناق نەتىجىسى مەنپىي بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم يۇقۇملانمىغان بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە،ئەيدىز ۋىرۇسى سىنىقنىڭ بىر ئاتالمىش «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، بۇ، يۇقۇملانغاندىن تارتىپ بەدەن ئىچىدە يېتەرلىك ئانتىتېلا ھاسىل بولغىچە سىناقتا ئۆلچەپ چىقىلغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ كۆزنەك مەزگىلىدە سىناق ئېلىپ بېرىلسا، گەرچە يۇقۇملانغان بولسىمۇ نەتىجىسى مەنپىي بولۇشى مۇمكىن
توققۇزىنچى،خاتا چۈشىنىش :ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇن توسىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلسىلا ( ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ) قاپچۇق تاقىمىسىمۇ بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە، گەرچە ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇن توسۇش دورىلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولسىمۇ ( يۇقۇملىنىش نىسبىتى %90 تىن كۆپرەك ئازايغان )، لېكىن ئۇ سۆزنەك، سىفلىس ۋە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىق ئىككىلەمچى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. شۇڭا، ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گاندون ئىشلىتىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئونىنچى، خاتا چۈشەنچە :ساقايماس كېسەل
ئەمەلىيەتتە،گەرچە ھازىرغا قەدەر، بىز تېخى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلىنى تاپالمىغان بولساقمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئارقىلىق ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ