گەرچە بىز دائىم ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش بىلىمىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرساقمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن ئادەملەر يۈزەكى چۈشىنىدۇ، بۈگۈن بىز ئەيدىز ۋىرۇسى توغىرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلەر توغۇرلۇق توختىلىپ ئۆتىمز
HIVۋە AIDS- بىرىنچى ، خاتا قاراش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىز كىسىلى ئىككىسى بىر ئىش دەپ قاراشئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىر خىل كىسەللىك ۋىرۇسى بولۇپ، بەزى بەدەن سۇيۇقلۇقى ( قان، مەنىي سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ۋە ئانا سۈتى ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئەيدىز بولسا ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزىدىغان ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى. ئەگەر بىر ئادەم ۋىرۇس ئېلىپ يۈرسە، بەلكىم كۆپ يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئەيدىزگە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلىگە تەرەققىيي قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ، ھەتتا ئۆمۈر بويى ئەيدىزگە تەرەققىي قىلمايدۇ
ئىككىنچى، خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىقلا تارقىلىدۇ
ئەمەلىيەتتە، گەرچە جىنسىي ئالاقە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى بولسىمۇ، لېكىن بىردىنبىر يولى ئەمەس. قان ( مەسىلەن، ئورتاق ئىشلىتىدىغان شپىرىس ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ ياكى مۇسبەت بولغان ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ ( ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ياكى بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ).
ئۈچىنچى، خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت ھەمجىنىس ئەرلەر توپىدىلا كۆرۈلىدۇ دېيىش
ئەمەلىيەتتە،ئەيدىز ۋىرۇسى بارلىق جىنس، ياش، ئىرق ۋە قىزىقىش ئايرىمايدۇ، ھەر قانداق توپتىتىكى ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، گەرچە بەزى توپتىكىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق ئادەم يۇقۇملىنىشى مۇمكىن
تۆتىنچى، خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇچرىشىش، سۆيۈش، قۇچاقلاش، چۈشكۈرۈش، ھاجەتخانىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىق كۈندىلىك ئۇچرىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ
ئەمەلىيەتتە،ئۇنداق ئەمەس. پەقەت بەزى بەدەن سۇيۇقلۇقى ( قان، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى ۋە ئانا سۈتى ) ئارقىلىقلا تارقىلىدۇ، بۇ بەدەن سۇيۇقلۇقى چوقۇم بىۋاسىتە يەنە بىر ئادەمنىڭ قېنىغا كىرىدۇ ( مەسىلەن، تېڭىلمىغان قوغدىنىش بولمىغان ئوچۇق جاراھەت ياكى شىللىق پەردە )
بەشىنچى، خاتا چۈشەنچە:ئەگەر ئىككى يۇقۇملانغۇچى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇلار بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ
ئەمەلىيەتتە، يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندون ئىشلىتىشى كېرەك. چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان كىسەللىك ئەھۋالى بار، ئەگەر بىر ئادەم بىر خىل يېڭى كىسەللىك بىلەن يۇقۇملانسا، ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن