جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تور بېكىتى يىقىندا 2023 - يىلى 7 - ئايدىكى مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ، 2023 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى ( شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) دىكى 23 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر ) دە مايمۇن چېچىكى دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان 491 بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدا 115، بېيجىڭدا 81، سىچۈەندە 49، جېجياڭدا 40، خۇنەندە 33، جياڭسۇدا 31، شاڭخەيدە 25، ئەنخۇيدا 19، تيەنجىندە 17، خۇبېيدا 17، خېنەندە 14، لياۋنىڭدا 12، شەندۇڭدا 12، جىلىندا 9 يۈننەندە تۆت، شەنشىدە تۆت، فۇجيەندە ئىككى، چۇڭچىڭدا ئىككى، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، گۇيجۇ، چىڭخەي دوكلات قىلغىنى بىر، ئېغىر كېسەل دەپ ياكى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلەر يوق.
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:بىرىنچى، كېسەللىك مىسالىنىڭ ھەممىسى ئەرلەر بولۇپ، %96.3 كېسەللىك مىسالىدا ئەر ھەمجىنىسلەر توپى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئىككىنچى، باشقا ئۇچرىشىش ئۇسۇلى تارقىتىش خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن. ئوخشاش جىنسلىق جىنسىي ئۇچرىشىشتىن باشقا قويۇق ئۇچراشقۇچىلاردا يۇقۇملىنىش يۈز بەرمىدى. ئۈچىنچى، %89.2 كېسەللىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىياگنوز قويۇپ بايقالغان، %6.5 كېسەللىك بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بايقالغان، قالغانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايقالغان. تۆتىنچى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېسەللىك مىسالىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىش، قاپارتما، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر كېسەل، ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى يوق