当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

猴痘健康提示مايمۇن چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغىرىسىدىكى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى

发布日期:2023-07-08 点击:
مايمۇن چېچىكى بولسا مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى دىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا ئاساسلىق قىزىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقىغا تارقالغان. 2022 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان، بەزى دۆلەتلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زور مىقداردىكى مايمۇن چېچىكى بايقالدى ھەمدە كىشىلەر ئارىسىدا تارقالدى. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزى مايمۇن چېچىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، مايمۇن چېچىكى توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ساغلاملىق ئەسكەرتىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى
بىرىنچى، مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ ئەھۋالى 
 مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى 1970- يىلى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە دۇنيا بويىچە تۇنجى مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەر ئارقا - ئارقىدىن مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى دوكلات قىلدى، ھازىر 11 ئافرىقا دۆلىتى ( بېنىن، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كونگو جۇمھۇرىيىتى، كامېرون، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، نىگېرىيە، كوتىدىۋور، لىبېرىيە، سېررالېئون، گابون ۋە جەنۇبىي سۇدان ) دە مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى يۈز بەردى. شۇڭا، نۆۋەتتە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى مايمۇن چېچىكى تارقالغان رايون دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك مىساللىرى ئاساسلىقى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمىدىكى تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمان بەلبېغىغا تارقالغان
ئافرىقىنىڭ سىرتىدىكى رايونلار يەرلىك بولمىغان تارقىلىش رايونى بولۇپ، ئىلگىرى يۈز بەرگەن مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ جايدا تارقىلىشى چەكلىك. ئامېرىكىدا 2003 - يىلى مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى بايقالغان ، بۇ تارىخىتىكى تۇنجى قېتىم ئافرىقىدىن باشقا رايونلاردا بايقالغان مايمۇن چېچىكى كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەنگلىيەمۇ 2018 - يىلى,2019 - يىلى ۋە 2021 - يىلى ئاز مىقداردىكى مايمۇن چېچىكى كېسىلىنى دوكلات قىلغان. يۇقىرىقى كېسەللىك مىساللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئافرىقا رايونىدا ئولتۇراقلىشىش تارىخى بار
ئۆتكەن يىل  يەنى 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئەنگلىيە ئالدى بىلەن ئۆز زېمىنىدىكى مايمۇن چېچىكى كېسىلىنى دوكلات قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا، ئوكيانىيە ۋە ئافرىقا ( يەرلىك خاراكتېرلىك تارقالمىغان دۆلەتلەر ) دا ئارقا - ئارقىدىن مايمۇن چېچىكى كېسىلى بايقالدى,6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، يەر شارىدىكى يەرلىك خاراكتېرلىك تارقالمىغان بەش قىتەدىكى 28 دۆلەتتە مايمۇن چېچىكى يۇقۇمى بايقالدى، دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 1285 كە ۋە گۇمانىي بىمار بىرگە, ئۆلگەن كىسەل بىرگە يەتتى
بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سانى ۋە تەسىر دائىرىسى بىر قەدەر تېز ، كېسەللەر ئوتتۇرا ياش، ياش ئەرلەرنى ئاساس قىلىدۇ؛ كۆپىنچىسى ئەر ھەمجىنىسلار بولۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى جىنسىي پائالىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،كىلىنىكىلىق ئىپادىسى نىسبەتەن يېنىك ھەم تىپىك ئەمەس، ئەسۋە ئاساسلىقى كۆپىيىش ئەزاسىغا تارقالغان بولۇپ، سانى كۆرۈنەرلىك ئاز، پەقەت بىر نەچچە ھەتتا بىر ئەسۋىلا بار، يەنىمۇ كېڭىيىپ كەتكىنى يوق

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【和田市】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有