当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

ياشلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى قانداق ئىلىشى كېرەك؟

发布日期:2023-03-24 点击:

كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولى ئىنتايىن ئېنىق بولغان ئۈچ خىل بولىدۇ: قان ئارقىلىق تارقىلىش، جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئانىدىن بالىغا تىك يۆنىلىشلىك تارقىلىش. نۆۋەتتە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق يولى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش بولۇپ، ئۇنىڭ نىسبىتى 97 پىرسەنىتىن ئاشىدۇ، شۇڭا بىز ئەيدىز كېسىلىنى مەلۇم قىلمىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل دەيمىز
ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرىسدا نۆۋەتتە بىخەتەر ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا يوق، ئەيدىز
كىسىلىنىڭ ئالىدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاساسلىقى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق
ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە ھىسياتقا بىرىلىپ قالايقمىقان جنسىي
مۇناسىۋەتتە بولماسلىقى كېرەك، توي قىلغاندىن كېين چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا سادىق بولۇشى، ئۆزىنىڭ جىسنىي ھەمراھىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك، قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمىگەندە، ئۆزىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىشىڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا يەنە باشقا جىسنىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  
ئەيدىز كېسىلى قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئۇ بىر خىل ئالدىنى ئالغىلى، كونترول قىلغىلى بولىدىغان، شۇنداقلا داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللىك. بەختكە قارشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرلەشمە تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ئۇزاق مۇددەت ياشىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزلىگەن ئۆمرىگە يېتەلەيدۇ. شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتسەك بولمايدۇ، چۈنكى كۈندىلىك نورمال ئالاقە جەريانىدا، مەسىلەن، بىز بىر ياتاقتا بىللە تۇرساق، ئۆگىنىش ۋە بىر قىسىم ئەمگەك قوراللىرىنى ئورتاق ئىشلەتسەك، جۈملىدىن ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىللە غىزالىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلىنى تارقاتمايدۇ.

« ئەڭ ئاخىرىدا كەڭ ياش دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز: «گۈزەل ياشلىقىمغا ئۆزۈم ئىگە، ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرۇش ئەڭ بەختلىك» 

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【网摘】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【喀什市】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有