当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرى قوغدىلىدۇ؟

发布日期:2023-03-21 点击:

 نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرى قوغدىلىدۇ؟

   نۆۋەتتە، بىر قىسىم كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قارىغۇلارچە چەتكە قېقىش خاھىشى ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ شەخسىي سىرى قوغدىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇش قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. جەمئىيەت ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتسە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. يۇقۇملىنىش خەۋپ-خەتىرى بار كىشىلەر توپى كەمسىتىلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان بولغاچقا تەكشۈرتۈشنى خالاپ كەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەچكە، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا دەخلى يەتكۈزۈپ، ئەيدىز ۋىرۇسى خەۋپ-خەتىرىنىڭ تارقىلىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغاندا تۇرمۇشقا ئاكتىپ يۈزلىنەلمەيدۇ، ھەتتا جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ۋە زىيان سېلىش مۇددىئاسىدا بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى قايسىلار؟
 «ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش نىزامى» غا ئاساسلانغاندا: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرى ھەم  ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تويلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:
(1)كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياكى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
(2) يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل بولغانلىق ئىسپاتىنى ئۆز ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ئۆزلىرى بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغانلارنى مەلۇم قىلىشى كېرەك؛ (3) داۋالانغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ياكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئەمەلىي ئەھۋالىنى دوختۇرغا ئەينەن ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
(4) زۆرۈر بولغان مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ھەرقانداق شەكىلدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەستەن تارقاتماسلىقى كېرەك.
توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەيدىز كېسىلىنى تېببىي تەكشۈرۈتۈشكە قارىتا قانداق تەلەپ بار؟
 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى»دا: توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىت ئىككى تەرەپ تويلىشىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىكلەرنى تېببىي تەكشۈرۈتۈشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. تويلىشىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈتۈش بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلە (ئەيدىز كېسىلى، سىفلىس، ماخاۋ كېسىلى ۋە مېدىتسىنادا تويلىشىشقا ۋە تۇغۇتقا تەسر يەتكۈزىدۇ دەپ قارالغان باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر) دائىرىسىگە كىرىدۇ.
 «ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2019-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە)» نىڭ تەلىپى: ئەيدىز كېسىلى يۇقۇمى ئېغىر رايونلاردىكى ئەيدىز كېسىلى، جىنسىي كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، مەسلىھەت بېرىش تويدىن بۇرۇنقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېببىي تەكشۈرۈتۈش ۋە نۇقتىلىق ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى مۇلازىمەتچى خادىملار سالامەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە بىر قىسىم رايونلار تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈتۈشنى تويلىشىشنى تىزىملاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى، بۇ، سەھىيە ساغلاملىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن ساغلاملىقى ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، مۇھاپىزەت تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا پايدىلىق بولۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

信息来源:【互联网】

排版编辑:【网摘】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【麦盖提县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有