جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ماھىيەتلىك ئىچكى ئەزا شۇنداقلا ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزى بولۇپ، " ئادەم بەدىنى خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، مېتابولىزم، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئۈستىگە ئېلىپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى ساقلايدۇ. بىراق غايەت زور "زاۋۇت"مۇ ئاجىز بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، دورا، ۋىرۇس، ئىسپىرت، تاشقى يارىلىنىش، ناچار تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈشى مۇمكىن
بۇ "خەتەرلىك مولېكولىلار"ئارىسىدا ، ۋىروس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ "تۆھپىسىمۇ بار"، نۆۋەتتە مەلۇم بولغان بەش خىل ۋىروس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ئىچىدە، ئەڭ داڭلىق جىگەر ياللۇغى بولسا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى . ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ھەمىشە باشقىلار بىلمەيدۇ،ئۇ ھەمىشە پەردە ئارقىسىدا ھەممىنى كونترول قىلىدۇ، "ھىچنىمىگە تىندۇرماي چوڭ ئىشلارنى " قىلىدۇ، يەنە "يوشۇرۇن قاتىل" دەپ ئاتىلىدۇ
ئۇنداقتا ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېگەن زادى نېمە ؟ بىز بىرلىكتە بۇ «چوڭ ئەرباب»نىڭ ھاياتىنى چۈشىنىپ باقايلى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جىگەر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، قان، جىنسىي ئۇچرىشىش، ئانا-بوۋاقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تارقىلىش يولى بار بولۇپ، ئاستا خاراكتېرلىك يوشۇرۇن خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى ئاساس قىلىدۇ. «يوشۇرۇن خاراكتېر» دېگەن نېمە؟ يەنى كۆپ قىسىم يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلىرىدا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، ھەتتا جىگەر ئىقتىدارىمۇ نورمال ياكى يېنىك بىنورمال بولۇپ، ئاسانلا سەل قارىلىدۇ. بىراق "يوشۇرۇن قاتىل" دىگەن نام بىكاردىن كەلگەن ئەمەس، يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئىزچىل جىگەر توقۇلمىلىرىڭىزنى ئاستا-ئاستا بۇزۇۋېتىدۇ، ئەمما سىز ھېچنېمىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى،جىگەرنىڭ نېكروزلىنىش ۋە تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ٪15-٪20 ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر راكىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ، بۇ باسقۇچقا كەلگەن ھامان، بىمار ئېغىر بەدەن ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپلا قالماي يەنە ئېغىر ئىقتىسادىي يۈككە ئۇچرايدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «2024-يىللىق يەر شارى جىگەر ياللۇغى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشچە، 2022-يىلى دۇنيادا تەخمىنەن 220مىڭ ئادەم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى قانداق بايقايمىز؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى شۇنچە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان تۇرسا، قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ؟ ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ كۆپىنچىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاچقا، نۇرغۇن بىمارلار كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئاندىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. شۇڭا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانغاندا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ " ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلا " قان ئېلىپ تەكشۈرۈتۈش كېرەك ، ئەگەر ئانتىتېلا مۇسبەت بولسا ، يادرو كىسلاتاسىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈش كېرەك ، يەنى قاندىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى يادرو شىكەر كىسلاتاسى ( ب تىپلىق جىگەر يادرو كىسلاتاسى ) تەكشۈرۈلىدۇ ، پەقەت ب تىپلىق جىگەر يادرو كىسلاتاسى مۇسبەت بولغاندىلا ، ئاندىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يارلاندۇرۇش كۈچى شۇنچە چوڭ تۇرسا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ يەنە قۇتقۇزغىلى بولامدۇ ؟ ئىلگىرىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش لايىھىسى ئاساسلىقى ئارىفېلېمېن بىرلەشمە لىباۋېلىن بولۇپ، ناچار تەسىرى بىر قەدەر كۆپ، بىمارلارنىڭ بەرداشلىق بېرىشچانلىقى ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىزدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا تاقابىل تۇرىدىغان «ئېغىر قورال»--ۋىروسقا بىۋاستە قارشى دورا بار بولدى! داۋالاش قېلىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ٪95تىن يۇقىرى بىمار پۈتۈنلەي ساقايالايدۇ !
ۋىروسقا بىۋاستە قارشى دورىلارنىڭ ناچار تەسىرى ئاز، داۋالاش مۇساپىسى ئادەتتە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ، قېلىپلاشقان ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئىچكى بەدەندىكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تازىلاپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك جىگەر زەخمىسى ۋە جىگەر سىرتىدىكى ئىپادىلەرنى تازىلاپ ياكى يېنىكلىتىپ، جىگەر تالالىشىشنى تەتۈر ئۆزگەرتىپ، جىگەر قېتىشىش، جىگەر زەئىپلىشىش ياكى جىگەر راكىغا ئايلىنىشنى توسقىلى ياكى كېچىكتۈرىدۇ. بالدۇر داۋالاشنى باشلىغاندا، بىمارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى، يەنە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ باشقىلارغا يەنىمۇ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
داۋالاش مەزگىلىدە چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈتۈپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆلچەش ۋە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش كېرەك. داۋالاش باشلانغاندا، داۋالاشنىڭ 4-ھەپتىسى، داۋالاش ئاخىرلاشقاندا، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 12 ھەپتىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ
قايسى ئادەملەر داۋالاشقا مۇھتاج ؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يادرو كىسلاتاسى مۇسبەت خاراكتېرلىك بىمارلار مەيلى جىگەر قېتىشىش، بىرلەشتۈرۈلگەن سوزۇلما بۆرەك كېسەللىكى ياكى جىگەر سىرتىدىكى ئىپادىسى بولسۇن، ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاياللار ۋىروسقا بىۋاستە قارشى دورا بىلەن داۋالاشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ھامىلدار بولغان ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك، ئاللىقاچان ھامىلدار بولغانلار تۇغۇت مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋىروسقا قارشى داۋالىسا بولىدۇ
شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئوخشىمىغان بىۋاستە ۋىروسقا قارشى دورا لايىھىسى ۋە ئوخشىمىغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا داۋالاش لايىھىسىنى يەككەلەشتۈرۈپ تۈزۈش، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىش ھەمدە دوختۇرنىڭ تەكلىپى بويىچە قاتتىق داۋالاش كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاش قىممەتمۇ؟
تاكى 2019-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بىۋاستە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزدى، باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى ٪85تىن يۇقىرى بولدى، بىمارلارنىڭ يۈكىگە ئېھتىياجلىق نىسبەت ناھايىتى ئاز بولدى






