ئەيدىزنىڭ سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىك بىلەن بىرلىشىش خەۋپىگە كۆڭۈل بۆلۈش
ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئەيدىز بىمارلىرى ۋاقتىدا قېلىپلاشقان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلسا، ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلالايدۇ، ئۆمرى ۋە ياشاش سۈپىتى نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش سەۋىيەگە يېتىدۇ، ئەمما ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ھادىسە چوقۇم دىققەت قوزغىشى كېرەك، يەنى ياشانغان ئەيدىز بىمارلىرى يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كىسەللەر بىلەن بىرلىشىپ خەۋپنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ
«مەملىكەت بويىچە 6-قېتىملىق سەھىيە مۇلازىمىتى ئىستاتىستىكا تەكشۈرۈش مەخسۇس دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشچە، 190مىليوندىن ئارتۇق ياشانغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان. ئېلىمىزدە 55 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك نىسبىتى 48.4٪كە يېتىپ، 65 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى 62.3٪كە يەتتى، تەخمىنەن ٪75 تىن يۇقىرى ياشانغانلار بىر خىل ياكى كۆپ خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى، دىئابىت ۋە راك قاتارلىق ئېغىر ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ئېلىمىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ ٪90 تىن ئاشىدۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز بىمارلىرىدا دائىم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت كېسىلى، قاندىكى ياغ بىنورماللىقى ۋە خامۇشلۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن. ئەيدىز كېسىلى سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە يولۇققاندا، ئەھۋال ئاددىي ھەم قاتلاملاشمايدۇ، بەلكى مۇرەككەپ ئۆزئارا تەسىر پەيدا قىلىپ، ساغلاملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. ئەيدىز بىرلەشتۈرۈلگەن سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىك، قوش كېسەللىكلەر قاتلىنىپ داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن سوزۇلما كېسەللىكلەرگە دورا ئىشلىتىش ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇ سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللىك ۋە ئەيدىزنى داۋالاشقا پايدىسىز. ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىرلىشىشى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئىككى مۇستەقىل مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، يېڭى تونۇشقا مۇھتاج بولغان "قوش ساغلاملىق خىرىسى"
بۇ خىرىس ئالدىدا بىز پۈتۈنلەي يېڭى، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەدبىرىگە مۇھتاج. ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى، ئەيدىز بىمارلىرى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئالاقىسى ۋە بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەيدىز ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئورتاق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت تەدبىرلەر
01
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قەرەللىك ئۆلچەپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقىدا زىيادە داۋالغۇش بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك -
02
تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك
جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مۇنارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى بېيىتىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، پۈتۈن ئاشلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىپ، پىششىقلانغان شېكەر، تويۇنغان ياغ ۋە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك. ھەر ۋاق تاماق مىقدارىنى كونترول قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
03
قانۇنىيەتلك ھالدا مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىش
ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تېز، گەرچە ھەرىكەت قىلغۇسى كەلسىمۇ، ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كەلسىمۇ، ئەمما دائىم ۋاقىت، مەيدان ۋە قورال-ياراقنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن تولۇق ھەرىكەت قىلالمايدۇ، پارچىلانغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قىلغىلى بولىدۇ، جەمئىي ھەرىكەت قىلىشمۇ بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق، ھەر ھەپتىدە 150 مىنۇت ئوتتۇرھال چىداملىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدۇ
04
تاماكا تاشلاش ۋە ھاراققا چەك قويۇش
تاماكا ۋە زىيادە ھاراق ئىچىش كۆپ خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەتەرلىك ئامىلى. تاماكا تاشلاش ئۆپكە راكى، ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھاراق چەكلەش جىگەر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق
05
ساغلاملىق تەكشۈرۈتۈشنى بالدۇر تاللاش
بالدۇر بىنورماللىق كۆرسەتكۈچىنى بايقاش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ۋاقتىدا ئارىلىشىشقا پايدىلىق. ھەر يىلى قان بېسىمى، قان شېكىرى، قاندىكى ياغ قاتارلىق ئاساسىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىنورمال بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش، يېنىك بەدەندىكى بىئارام بولۇش ئالامەتلىرىگە سەل قارىماسلىق تەكلىپى بېرىلدى
ساغلام يېمەك-ئىچمەك، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ، داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقارقى بىر قانچە نۇقتىدىن باشلاش، بىز ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى!
(جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى لى پېيلوڭ)






