ئەيدىزنىڭ ئون ھەقىقىي ئەھۋالى
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بىلەن ئەيدىز كىسىلى بولۇش ئىككى ئوخشىمىغان ئۇقۇم، توغرا مۇداپىئە كۆرۈش ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى، ئىلمىي داۋالاش ئارقىلىق ئۆز ئۆمرىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتقىلى بولىدۇ
بىرىنچى، ئەيدىز دېگەن نېمە؟ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ≠ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش
ئەيدىز ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسىنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلىپ ئېيتىلىشى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى، بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنى بۇزۇپ، ئورگانىزىمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ
ئەيدىز كېسىلىنىڭ پۈتۈن ئاتىلىشى ئىرىشىش خارەكتىرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىروسى قوزغىغۇچىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ
ئىككىنچى، ئەيدىز كېسىلى قول ئىلىشىپ كۆرۇشۇش قۇچاقلىشىش ئارقىلىق تارقىلامدۇ
ئەيدىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش/ قۇچاقلىشىش ئارقىلىق تارقىلىپ كەتمەيدۇ. ئەيدىز ئاساسلىقى بىمارنىڭ قان، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقى، ئۈچەي سۇيۇقلۇقى قاتارلىق خەتەرلىك تەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۇت بولۇپ، مۇكەممەل تېرە شىللىق پەردىسى بۇ بەدەندىكى ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، ئەمما بۇزۇلغان تېرە شىللىق پەردىسى يۇقۇملىنىش خەۋپى بار
بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شۆلگەي، تەر، سۈيدۈك قاتارلىقلار خەتەرلىك سۇيۇقلۇققا تەۋە بولۇپ، تارقىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن
ئۈچىنچى، پاشا چاقسا ئەيدىز يۇقامدۇ
پاشا چىشلىسە ئەيدىز يۇقمايدۇ . قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى پاشانىڭ تېنىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، پاشا ئېغىزىدىكى قان مىقدارى ناھايىتى ئاز، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ۋىرۇس ئالماشتۇرۇش مىقدارى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، يېڭى شەخسلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ
تۆتىنجى، ئەيدىز مۇسبەت ئانىلار ۋىرۇسنى چوقۇم بالىغا يۇقتۇرۇپ قويامدۇ
ئەيدىز مۇسبەت ئانا ۋىرۇسنى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى ناتايىن . ھېچقانداق ئارىلىشىش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئانىدىن بوۋاقنىڭ تارقىلىش نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن
لېكىن ئۈنۈملۈك ئانا-بالىلارنى توسۇش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئانا سۈتىنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئانىلار بىلەن بوۋاقنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى ٪2تىن تۆۋەنگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ
بەشىجى،ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولسا ئۆمرىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزەمدۇ
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئۈنۈملۈك، قېلىپلاشقان داۋالاش ئارقىلىق، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇپ، ئەيدىز كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
شۇڭا، ئەيدىز بىمارلىرى ئاكتىپ داۋالانغان ئەھۋالدا، ھاياتلىق سۈپىتىنى ئېنىق ئۇزارتقىلى ۋە ئۇنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ
ئالتىنجى، ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئورتاق قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتكەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ
ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق بىللە ئىشلەتكەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ شۆلگەيدىكى ۋىرۇس مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، يۇقۇملىنىش دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز كېسىلىنىڭ بەدەن سىرتىدىكى مۇھىتتا ياشاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ
يەتتىنچى، ئەيدىز كېسىلى ساقايماس كېسەلمۇ؟ داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوقمۇ
ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى تېخى پۈتۈنلەي ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئەمما كوكتېل ھارىقى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ كۆپەيتىلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەدرىجى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ
بىمارنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالىغاندىن كېيىن، تۈرلۈك پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچەيتىلىدۇ، نورمال ئادەمگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، خىزمەت قىلالايدۇ
سەككىزىنچى، ئەيدىز سۆيۈشۈش ئارقىلىق يۇقامدۇ
ئەيدىز سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقالمايدۇ . شۆلگەيدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرگىلى بولسىمۇ، ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يېتەرلىك بولمايدۇ
لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقى سۆيۈشكەندە كۆرىنەرلىك بۇزغۇنچىلىق بولسا، خەتەرلىك تەن سۇيۇقلۇقىنى تولۇق ئالماشتۇرۇش ئېھتىماللىقى زور بولۇپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى خەۋپىنى ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى زور بولىدۇ
توققۇزۇنجى،ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى ياكى مۇنچىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنامدۇ
سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۇ ياكى مۇنچىسىنىڭ مۇھىتىدا سۇنىڭ سۇيۇلدۇرۇش رولى، دېزىنفېكسىيەلەش دورىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە مۇھىت ئامىلى (تېمپېراتۇرا، كىسلاتا قىممىتى قاتارلىقلار) تۈپەيلىدىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ھايات قېلىشى تەس
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېرىسى تەبىئىي، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك قوغدىنىش توسىقى بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى تېرە سىرتقى قاتلىمىدىن ئۆتۈپ ئادەم بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ
ئونىنچى، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملىسە بولامدۇ
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىر قىسىم ۋاكسىنىلارنى ئەملىسە بولىدۇ، ئەمما بىمارنىڭ ئۆزىگە ئىممۇنىتېت قايتا قۇرۇش دەرىجىسى، ۋاكسىنا تىپى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك
ئەملەشتىن بۇرۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنىڭ مەسئۇل دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ






