当前位置:首页 > 各地疾控 > ‌库车市疾控 > 艾滋病

【双语】艾滋病有后悔药,高危行为后72小时内可以自救,别乱慌! ئەيدىز كېسىلىدە پۇشايمان قىلىش دورىسى بار، خەتەرلىك قىلمىشلار يۇزبىر

发布日期:2025-12-01 点击:

 

 
0
ئەيدىز كېسىلىدە پۇشايمان قىلىش دورىسى بار، خەتەرلىك قىلمىشلار يۇزبىرىپ 72 سائەت ئىچىدە ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ، ھودۇقۇپ كەتمەڭ!ئ
  ئەيدىز كېسىلىنىڭ « پۇشايمان قىلىش دورىسى » سىرنى ئاشكارلايمىز
 
خەتەرلىك قىلمىشلار يۇزبەرگەندىن كېيىن 72 سائەت ئىچىدە ئۆزىنى قۇتقۇزغىلى بولىدۇ
ئەيدىز كېسىلى پۇشايمان قىلىش دورىسى دېگەن نېمە
كۆپچىلىك، بىز دائىم «دۇنيادا پۇشايمان قىلىدىغان دورا يوق» دەيمىز، لېكىن ئەيدىز كېسىلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، راستىنلا بار. ئۇ ئەيدىز ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش دېگىنىمىز، ئەيدىز بىلەن تېخى يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بالدۇر (72 سائەتتىن ئاشمايدۇ) ئالاھىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشى، بۇنداق بولغاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
 
كىم پۇشايمان دورىسى ئىشلىتىشكە مۇھتاج
ئۇنداقتا كىم ئەيدىز كېسىلى « پۇشايمان قىلىش دورىسى » ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ ؟ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ياكى يۇقۇملانغان ھالىتى ئېنىق بولمىغانلار بىلەن بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلار يۈز بېرىپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراش ياكى ئاڭسىز ھالەتتە باشقىلار بىلەن جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىش، مەسىلەن زەھەر چېكىش، دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان شىپرىس، يىڭنە قاتارلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى بولغان يىڭنە سانجىش، ئېچىۋېتىلگەن يارا ئېغىزى ياكى شىللىق پەردە توقۇلمىسى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشقانلىقى، بۇ ئەھۋاللار يۇزبەرگەندە ئىشلەتسە بولىدۇ  
 
قانداق قىلغاندا توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا ئەيدىز كېسىلى «پۇشايمان قىلىش دورىسى» نى توغرا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ۋاقتى ئىنتايىن مۇھىم، خەتەرلىك قىلمىشتىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە تېزرەك ئىشلىتىش، ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئىككى سائەت ئىچىدە دورا ئىچىش ئەڭ ياخشى جۇمۇ. ئىچكەن ھامان، داۋالاش جەريانىدا ئۇدا 28 كۈن دورا ئىچىش كېرەك، يەنە تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈش ۋە بىللە زىيارەت قىلىش كېرەك
 
دورا ئىچىشنىڭ ئەكس تەسىرى بارمۇ
دورا يېسە روشەن ئەكس تەسىرى بولامدۇ؟ ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بىخەتەر، ٪90تىن ئارتۇق ھېچقانداق ئەكس تەسىر كۆرۈلمەيدۇ، ئاز ساندىكى دورىنى ئىچكۈچىلەرنىڭ دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، باش قېيىش، چارچاش، يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ياكى ئاشقازان ئۈچەي كۆپۈش قاتارلىقلارمۇ كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە ئۈچ-يەتتە كۈن يوقاپ كېتىدۇ، دورا توختىتىش ھاجەتسىز
 
يىسە يۇقمايدىغاندۇ
پۇشايمان دورىسى يېگەندىن كېيىن يۇقۇملانمامدۇ؟ ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش پەقەت ــ خىل جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ٪100 ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ دورىنى ۋاقتىدا ئىچمىگەن ئەھۋالدا، ھەرگىز ئۇنى ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش ۋاستىسى قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر دورا ئىشلىتىش مەزگىلىدە خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرسە، يەنىلا ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن
 
ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم ھالقا
ئومۇمەن، كۆپچىلىك چوقۇم ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئەيدىز كېسىلى ئەجەللىك خاراكتېرگە ئىگە ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئەيدىز كېسىلىگە "پۇشايمان قىلىش دورا" بىزگە بىر مەھەل ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما دائىم خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرسە، يەنىلا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش قاتارلىق ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. شۇڭا بىز ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك 
 
 
 

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有
222