刚刚好
شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، ساۋاقداشلارغا ئەيدىزنى تېخىمۇ چۈشىنىش، كىشىلەرگە ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەيدىزگە توغرا قاراتقۇزۇپ، ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، بىرلىكتە ساغلام، باراۋەر، ئىناق بولغان مەكتەپ مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك
ئەيدىزنى تونۇش ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى "ئىرىشىش خارەكيتىرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (ئەيدىز كېسىلى) بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا، بولۇپمۇ س د 4 +ت ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلغان، بۇ ھۈجەيرىلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ «قوماندان» ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋىروس بۇ ھۈجەيرىلەرنى بۇزۇپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قاتار ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئەيدىز كېسىلىگە پەقەت ئۈچ خىللا يۇقۇش يولى بار: ئانىدىن بالىغا تارقىلىش،قان ئارقىلىق يۇقۇش،جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەرھال ئەيدىزكىسىلى بولمايدۇ. ئۇ بىر تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانى
بىرىنچى، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى (2-4ھەپتە): قىسمەن كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى-تۆت ھەپتىدە قىزىش، گېلى ئاغرىش، تەمرەتكە، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىقلار. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا بەدەندىكى ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، يۇقۇملىنىشچانلىقى كۈچلۈك
ئىككىنچى، كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىل (يوشۇرۇنۇش مەزگىلى، 8-10 يىل ياكىدىن ئۇزاققا يېتىدۇ): بىمار قارىماققا ساغلام ئادەمگە ئوخشاش، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق. لېكىن ۋىرۇس بەدەندە داۋاملىق كۆپەيتىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزىدۇ. ئەگەر داۋالانمىسا، يوشۇرۇنۇش مەزگىلىدىن كېيىن ئەيدىز مەزگىلىگە كىرىدۇ
ئۇچۇنجى، ئەيدىز مەزگىلى: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ھەرخىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش (مەسىلەن ئۆپكە ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز كېسىلى، زەمبۇرۇغلاردىن يۇقۇملىنىش) ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە (مەسىلەن كاپوشى گۆش ئۆسمىسى)قاتارلىقلا. دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى: بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان قىزىش، سوغۇق تەرلەش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى تېز تۆۋەنلەش، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى جىنسىي تارقىتىشنى كونترول قىلىپ، ساغلام جىنسىي قاراشنى تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن تاسادىپىي يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
ئانىدىن بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ھامىلىدار مەزگىلدە بالىغا ئانا سۈتىنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، توغرا ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، قورقۇنچ ۋە خاتا چۈشىنىشنى تۈگىتىش كېرەك
دوختۇرخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېزىنفېكسىيە قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دوختۇرخانىلاردا گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش، كەسپىي ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا باراۋەر، ھۆرمەت ۋە كۆيۈنۈش ئاتا قىلىش كېرەك
ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئوخشاشلا گۇزەل ھاياتقا ئىگە بولىدۇ . ئاكتىپ پوزىتسىيەنى ساقلاپ، دەل ۋاقىتىدا دورا ئىچىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، تۇرمۇشنى قۇياش نۇرىغا چۆمدۈرۈش كېرەك
ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قان تەقدىم قىلغۇچىلارنى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، قان ۋە ئۇنىڭدا ياسالغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش
ئەيدىزنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش بىرىنجى ، تەكشۇرۇش
خەتەرلىك قىلمىشلار بار كىشىلەر مەسىلەن نۇمۇسىنى ساتقانلار، ئەر ھەمجىنىسلار قاتارلىقلارنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش مەركىزى ، دوختۇرخانا ياكى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدا تەكشۇرتسە بولىدۇ ، كۆزنەك مەزگىلى ( ئادەتتە ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ) كېيىن تەكشۈرۈلىدۇ ،داۋالاش ئۇسۇل ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئىككىنجى ، داۋالاش
گەرچە تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغىلى بولمىسىمۇ ، لېكىن ۋىروسقا قارشى داۋالاش كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن دەرھال بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا دورا ئىچىپ، قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈپ، ۋىروسنىڭ مىقدارى، لىمفا ھۈجەيرىسى سانى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى تەكشۈرۈپ داۋالاش لايىھىسىنى تەڭشەش كېرەك






