【双语】【健康科普】关于艾滋病的8个常见误区  ا【ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش】: ئەيدىز توغرىسىدىكى 8 دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قا

发布日期:2025-10-03 点击:

【双语】【健康科普】关于艾滋病的8个常见误区 

在艾滋病防治的道路上,常有不实传言甚嚣尘上。这些传言似是而非,不仅会误导公众,还可能造成不良社会影响,必须引起重视。今天,我们就为大家指出艾滋病8大常见误区,将艾滋病病毒(HIV)在传播途径、预防手段、治疗生存等方面的科学真相呈现出来。

ا【ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش: ئەيدىز توغرىسىدىكى 8 دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش يولىدا، ھەمىشە يالغان گەپ-سۆزلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. بۇ سۆز-چۆچەكلەر جامائەتنى خاتا چۈشەندۈرۈپلا قالماي يەنە ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۈگۈن بىز كۆپچىلىككە ئەيدىز كېسىلىگە 8 چوڭ دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش، ئەيدىز ۋىرۇسى (ئەيدىز كېسىلى)نىڭ تارقىلىش يولى، ئالدىنى ئېلىش ۋاستىسى، ياشاشنى داۋالاش جەھەتلەردە ئىلمىي ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرىمىز.

بىرىنچى خاتا قاراش
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياكى تەرەت تۇڭى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال
 ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ناھايىتى ئېنىق، پەقەت جىنسىي يولدىن تارقىلىش، قان تارقىلىش ۋە ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولۇپ، ئالاھىدە بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش (مەسىلەن قان، ئىسپىرما، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق، سۈت قاتارلىقلار)لار ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، تەرەت تۇڭىدا بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش يۈز بەرمەيدۇ، شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

ئىككىنجى خاتا قاراش
قان تەقدىم قىلىش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال
ئېلىمىز قان ئېلىش ئورگانلىرى ئىشلەتكەن قان ئېلىش ئەسۋابلىرىنىڭ ھەممىسى بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان مىكروبسىز مەھسۇلاتلار بولۇپ، ئىشلەتكەندىن كېيىن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرۈپ، گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى توسۇپ قالدى. شۇڭا، قان تەقدىم قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ئېلىمىز ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى، قان تەقدىم قىلىش بىخەتەر بولۇپلا قالماي، يەنە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتىكى ئالىيجاناپ ئىش.

ئۈچىنچى خاتا قاراش
ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن

ھەقىقىي ئەھۋال
ئاياللارنىڭ كۆپىيىش يولى شىللىق پەردىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ، جىنسىي ھەرىكەت جەريانىدا ئاسانلا سۈركىلىپ زەخمىلىنىدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجىز تەرەپتىكى بەزى ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش قاتارلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھوقۇقى كەمچىل بولۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. شۇڭا ئاياللارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى ئەرلەرنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس، بەزى ئەھۋاللاردا ئاياللار دۇچ كېلىدىغان خەتەر تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

تۆتىنجى خاتا قاراش
ۋاكسىنا ئۇرۇپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال
گەرچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تەتقىقاتچىلار ئىزچىل ئەيدىز ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا دۇنيادا تىخى بارلىققا كەلمىدى . ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، خەتەرلىك قىلمىشلارنى رەت قىلىش (مەسىلەن كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ بولۇش، نومۇسىنى سېتىش، زەھەر چېكىش قاتارلىقلار)، ئۆزىنىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەش (بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش قاتارلىقلار) ھازىر يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى.

بەشىنچى خاتا قاراش
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانغا باراۋەر

ھەقىقىي ئەھۋال
ئادەم بەدىنى يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەتتە نەچچە يىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدىغان يوشۇرۇن مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ مەزگىلدە يۇقۇملانغۇچىلار سىرتقى كۆرۈنۈش ساغلام بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سالامەتلىك زىيىنى تۇيۇقسىز يۈز بىرىدۇ. كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ھەرخىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە كۆرۈلگەندە ئەيدىز مەزگىلىگە كىرىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالمايدۇ. ئەمەلىي تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر يوشۇرۇن مەزگىلدە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغاچقا، ئەيدىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلالمىغان، ئەيدىز كېسىلىنى كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن ئەيدىز مەزگىلىگە كىرگەنلىكى بايقالغان. شۇڭا، بالدۇر تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر بايقاش ئىنتايىن مۇھىم.

ئالتىنچى خاتا قاراش
 ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا

ھەقىقىي ئەھۋال
 ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ۋاقتىدا، قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالىغاندا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلاملىق ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، خىزمەت قىلالايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن پەرقلەنمەيدىغان ھاياتلىقتىن بەھرىمان بولىدۇ.

يەتتىنجى خاتا قاراش
 ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلسا بولمايدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال
دوختۇرخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىچە، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق، ئوپېراتسىيە ئالامىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئەھۋالدا، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرالايدىكەن. ھازىرقى زامان داۋالاش تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلدى، قوغدىنىش تەدبىرلىرى تولۇق بولغاچقا، دوختۇرخانا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا خاس ئوپېراتسىيە لايىھەسى تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سەككىزىنجى خاتا قاراش
 ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلسا ياكى يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلىسا بولمايدۇ

ھەقىقىي ئەھۋال
 ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ نورمال يېقىن مۇناسىۋەت ۋە توي قىلىشنى قوغلىشىش ھوقۇقى بار. ئىككى تەرەپ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ قوشۇلغان ھەم ئىختىيارىي بولۇش ئاساسىدا، ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى بالدۇرراق قېلىپلاشتۇرۇپ تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە يېقىن مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك يۈرۈشلۈك قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھەمراھلار ئارىسىدىكى تارقىلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، گۈزەل ئائىلە تۇرمۇشىنى ئورتاق يارىتالايدۇ.
 
 

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有
222