生活中,你是否经历过以下情景
饭局中得知旁边那人有乙肝,整个人都不好了
一顿饭分分钟都想去烫筷子



医院就医时路过“肝病门诊”
捂口鼻、加速跑
生怕被传染了
乙肝是由乙型肝炎病毒(HBV)引起的一种肝脏疾病。乙肝病毒进入人体后,会侵入肝细胞,导致肝细胞的损伤和病变。
乙肝的临床表现多样,部分患者可能没有明显症状,仅在体检时发现乙肝表面抗原阳性,这种为无症状携带者。而有症状的患者,在急性期可能出现乏力、食欲减退、恶心、呕吐、腹胀等症状,严重者可出现黄疸,表现为皮肤和巩膜黄染。
如果乙肝病毒感染未及时清除,则可转为慢性乙型肝炎,并可导致肝硬化和肝癌等严重后果。
1.血液传播:输入被污染的血液或血制品(现在正规血站已严格检测,风险极低),共用被污染的针具(如静脉吸毒者共用针头),使用消毒不彻底的医疗器械,共用剃须刀、牙刷、指甲刀等可能沾染微量血迹的个人物品。
2.性传播:无保护性行为可能传播。(戴套可防!)
3.母婴传播:感染乙肝病毒的母亲可能在分娩过程中或产后将病毒传给新生儿。(但通过疫苗+免疫球蛋白可阻断!)
所以
以下这些日常接触
不会传染乙肝
↓↓↓
-
一起吃饭、开会、聊天? 不传!
-
握手、拥抱、打喷嚏? 不传!
-
共用厕所、游泳、被蚊子咬? 不传!
接种乙肝疫苗是预防乙肝最有效、最经济的方法!
疫苗本身不是病毒,而是病毒的“仿制品”。接种后,它会刺激我们的免疫系统产生一种叫做“抗体”的保护性物质。一旦真正的病毒入侵,这些抗体就能迅速识别并消灭它们,保护我们不被感染。
所有新生儿、未接种过或未完成全程接种的的婴幼儿和青少年,以及任何未感染过乙肝病毒且未产生抗体的成年人。特别是乙肝病毒感染者的家庭成员、反复输血和血制品者、血液透析患者、多个性伴侣者、接触血液的医务工作者等高危人群。
新生儿出生后需在24小时之内接种第一针乙肝疫苗,并按照“0-1-6个月”程序完成全程免费接种。
成人可自愿自费接种,可向辖区疾病预防控制中心或接种单位进行咨询,前往正规的接种单位进行接种。
完成全程接种后,绝大多数人都能产生足够的抗体,保护效果可持续多年,甚至终身。
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە يۇقۇملىنىپ قالامدۇ
تۇرمۇشتا سىز تۆۋەندىكى مەنزىرىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ ، تاماقخانىدا يېنىڭىزدىكى ئادەمنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بارلىقىنى بىلگىنڭىزدە ، پۈتۈن بەدىنىڭىز بىئارام بولۇپ، بىر ۋاق تاماق يىيش ئۇچۇن مىنۇتتا چوكىلانى دىزىنفىكسىيە قىلىغۇڭىز كىلەمدۇ
دوختۇرخانا داۋالانغاندا " جىگەر كېسىلى ئامبولاتورىيەسى "دىن ئۆتكەندە ، ئېغىز ، بۇرنىڭىزنى ئېتىپ ، تېز يۈگۈرۈپ ، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەنمۇ
ئەمەلىيەتتە، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە بولغانلىقىدىن بولغان
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى توغرا تونۇش
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا ب تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل جىگەر كېسەللىكى . ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە كىرىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى كۆپ خىل، قىسمەن بىمارلاردا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولماسلىقى مۇمكىن، پەقەت سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزىدىكى ئانتىگېننىڭ مۇسبەتلىكىنى بايقىغان، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلەر. كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلاردا جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا سېرىق چۇشۇش كۆرۇلۇپ، تېرىسى سارغىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
ئەگەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ
- قان ئارقىلىق تارقىتىش: بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش (ھازىر مۇنتىزىم قان پونكىتى قاتتىق تەكشۈرۈپ تاللاش ئىلىپ بارىدۇ، خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن) ، بۇلغانغان يىڭنە سايمانلىرى (مەسىلەن ۋېنادا زەھەر چەككۈچىلەر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ)، دېزىنفېكسىيە تەلتۆكۈس بولمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى، تىرناق ئالغۇچ قاتارلىق مىكرو قان ئىزى چاپلىشى مۇمكىن بولغان شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش
- جىنسىي تارقىلىش: قوغداش خاراكتېرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن. ( بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقاش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ )
- ئانىدىن بوۋاقلارغا تارقىلىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا تۇغۇش جەريانىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ۋىرۇسنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا يۇقتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. (لېكىن ۋاكسىنا + ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىلى ئارقىلىق توسقىلى بولىدۇ! )
شۇڭا، تۆۋەندىكى كۈندىلىك ئۇچرىشىشلار ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
↓↓↓
بىللە تاماق يىيىش،يىغىن ئېچىش ، پاراڭلىشىش يۇقمايدۇ
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلاش، چۈشكۈرۈش يۇقمايدۇ
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا، سۇ ئۈزۈش، پاشا چىقىش يۇقمايدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەپ، ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئەرزان ئۇسۇل!
ۋاكسىنا ئەسلىدىنلا ۋىرۇس ئەمەس بەلكى ۋىرۇسنىڭ «تەقلىد قىلىنغان بۇيۇم» ئەملەنگەندىن كېيىن، ئۇ بىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدا "ئانتىتېلا" دەپ ئاتىلىدىغان قوغداش خاراكتېرلىك ماددىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەقىقىي ۋىرۇس كىرگەن ھامان، بۇ ئانتىتېلا ئۇلارنى تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە يوقىتىپ، يۇقۇملانماسلىقىمىزنى قوغدايدۇ
قايسى ئادەملەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىشى كېرەك
بارلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئەملەنمىگەن ياكى پۈتۈن مۇساپىدە ئەملەنمىگەن بوۋاقلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ھەمدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ھەمدە ئانتىتېلا پەيدا بولمىغان ھەرقانداق قۇرامىغا يەتكەنلەر. بولۇپمۇ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، قايتا-قايتا قان سېلىش ۋە قان بۇيۇملىرى، قان دىئالىزلاش بىمارلىرى، كۆپ جىسنسى ھەمراھى بارلار، قان بىلەن ئۇچراشقان تىببى خادىملار قاتارلىق خەتەرلىك كىشىلەر
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى قانداق ئەملەش كېرەك
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە تۇنجى يىڭنە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەمدە "0-1-6 ئاي" تەرتىپى بويىچە پۈتۈن جەرياندا ئەملەش كېرەك
قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆز ئىختىيارىي بويىچە پۇل تۆلەپ ئەملىسە بولىدۇ، تەۋەلىكىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ياكى ئەملىگۇچى ئورۇنلاردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، مۇنتىزىم ئەملەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەملىسە بولىدۇ
پۈتۈن مۇساپىدە ئەملەشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېتەرلىك ئانتىتېلا ھاسىل قىلالايدۇ، قوغداش ئۈنۈمى كۆپ يىل ھەتتا ئۆمۈر بويى داۋاملىشىدۇ