当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 在CD4较低的情况下,HIV感染者如何

  • 【双语】10 种常见的HIV相关机会

  • 【双语】艾滋病试纸准确吗ئەي

  • 【双语】身在江湖,请拿好这份「性

  • 【双语】“直男”一夜荒唐染艾滋

  • 研究表明:美国青少年HIV感染者的

“像我这么善良的人,为什么还会感染HIV…”«مەندەك ئاق كۆڭۈل ئادەم نېمىشقا يەنە HIV بىلەن يۇقۇملىنىدۇ؟»

地区:喀什市来源:发布者:时间:2024-07-12 12:00:58点击:
小编最近遇到了一个新的HIV感染者,可能因为信仰的关系,多多少少有点“因果报应”的思想,刚开始的时候,怎么都不能面对和接受感染HIV 的现实,很多次和我说“像我这样单纯又善良的人,为什么会感染艾滋病”。
تەھرىر يېقىندا بىر يېڭى HIV يۇقۇملانغۇچى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ،بەلكىم ئېتىقاد سەۋەبىدىن ،ئازدۇر - كۆپتۇر «سەۋەب - نەتىجە قىسمىتى» ئىدىيىسى بولۇشى مۇمكىن ،دەسلەپتە ،ھەر قانچە قىلىپمۇ Uڭق1دىن يۇقۇملانغان رېئاللىققا يۈزلىنەلمىگەن ۋە ئۇنى قوبۇل قىلالمىغان ،نۇرغۇن قېتىم ماڭا «ماڭا ئوخشاش ساددا ھەم ئاق كۆڭۈل ئادەم نېمىشقا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ» دېگەن.
交流过几次以后,我发现,他真的是一个很nice的人,很习惯为别人着想,而且也非常的单纯,尽管也已经快30岁了,也具有大学学历,但对很多东西都不怎么了解,对艾滋病相关知识和信息几乎是一无所知。说实在,这样的情况,在低年龄的人群中比较常见,但是这个年龄段的真的很少。
بىر نەچچە قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن nice ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشكە ئادەتلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ساددا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ،گەرچە 30 ياشقا كىرەي دەپ قالغان، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن، ئەيدىز كېسەللىكىگە ئالاقىدار بىلىم ۋە ئۇچۇرلاردىن ئاساسەن خەۋەرسىز ئىكەن. راستىنى ئېيتقاندا، بۇنداق ئەھۋال تۆۋەن ياشتىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، لېكىن بۇ ياشتىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاز.
与此同时,因为不了解,当猛然间得知自己可能感染了艾滋的时候,一下子就懵了,惊慌失措,成夜失眠,还产生了深深的病耻感,“听到这三个字就发抖,觉得自己很脏”,在他以前的认知里,艾滋是离自己非常遥远的,而且“感染艾滋的都不是好人”,但自己偏偏又感染了。
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلىپ، بىردىنلا گاڭگىراپ قالدى، ئالاقزادە بولۇپ، كېچىچە ئۇخلىيالمىدى، يەنە قاتتىق نومۇس تۇيغۇسى پەيدا بولدى، «بۇ سۆزنى ئاڭلىساملا تىترەپ كېتىمەن، ئۆزۈمنى بەك مەينەت ھېس قىلىمەن»، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تونۇشىدا ئەيدىز كېسىلى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراق ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئادەم ئەمەس ئىدى لېكىن ئۆزى قېرىشقاندەك يەنە يۇقۇملىنىپ قالدى.
不久,他搞清楚了自己感染的原因,两年前,曾经因为好心收留过一个无家可归的人一段时间,在相处中,对方“勾引”了他,发生了无保护的亲密行为。后来,那个人找了一个工作,就离开了,临走的时候,他还给这个“可怜人”买了车票,从此就再也没有联系过。但无论如何都不会想到,会因此感染上一个完全不了解的病毒,如果不是这次机缘巧合做了个检测,恐怕直到发病都不知道自己已经感染。
ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقتى، ئىككى يىل ئىلگىرى، ياخشى كۆڭلى بىلەن ئۆي ـ ماكانسىز قالغان بىر ئادەمنى بىر مەزگىل ئېلىپ قالغان، بىللە ئۆتۈش جەريانىدا، قارشى تەرەپ ئۇنى «ئازدۇرغان»، قوغدىمايدىغان يېقىن قىلمىش يۈز بەرگەن. كېيىن، ئۇ ئادەم بىر خىزمەت تېپىپ، كېتىپ قالدى، ماڭىدىغان چاغدا، ئۇ يەنە بۇ «بىچارە ئادەم» گە پويىز بېلىتى ئېلىپ بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئالاقىلىشىپ باقمىدى. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، بۇ سەۋەبلىك پۈتۈنلەي چۈشەنمەيدىغان بىر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، ئەگەر بۇ قېتىمقى تاساددىپىي پۇرسەتتە تەكشۈرتمىگەن بولسا، بەلكىم كېسىلى قوزغالغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمىگەن بولاتتى.
实际上,“单纯善良”的感染者并不仅仅只有他一个,小编认识的就有很多,有相当大比例的感染者,在年少无知或者其他一些特别的际遇中,因为轻信他人或遇到“渣男”而感染HIV,这其中既有萍水相逢的遇人不淑,也有朝夕相处之间的背叛劈腿。小编熟悉的艾友社群中,时常就有一些人,夜深人静时吞下当天的药后,因为副作用而感到不舒服,就一边互相鼓励,一边骂传染自己的“渣男”,同时悔恨自己当初太傻,然后慢慢入睡。
ئەمەلىيەتتە، «ساددا، ئاق كۆڭۈل» يۇقۇملانغۇچىلار پەقەت ئۇلا ئەمەس، تەھرىر تونۇيدىغانلار ناھايىتى كۆپ، خېلى كۆپ ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار كىچىك، نادان ياكى باشقا بەزى ئالاھىدە كەچۈرمىشلەر ئىچىدە باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىش ياكى «داشقال ئەر» گە ئۇچراپ قېلىش سەۋەبىدىن HIV بىلەن يۇقۇملانغان، بۇنىڭ ئىچىدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغان ناچار ئادەملەرمۇ بار. تەھرىر تونۇيدىغان ئەي يوۋشې توپىدا، دائىم بەزى كىشىلەر تۈن نىسپى بولۇپ، ئەل ئايىغى بېسىققاندا شۇ كۈنلۈك دورىنى يۇتۇۋەتكەندىن كېيىن، ئەكس تەسىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز ـ ئارا ئىلھام بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزىگە يۇقتۇرغان «داشقال ئەر» نى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەك ئەخمەق ئىكەنلىكىگە پۇشايمان قىلىپ، ئاستا ـ ئاستا ئۇيقۇغا كېتىدۇ.
或许,在防艾这件事上,“善有善报恶有恶报”的规则在很多时候是失灵的,单纯善良的人,容易轻信他人,对原则不坚决,常常做出让步,反而把自己置于危险之中。我们要善良,善待周围的人,但是我们必须坚守原则,保护好自己。因为单纯善良并不能让我们免于被感染,知识和原则才可以。
بەلكىم، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىدا، «ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق» قائىدىسى كۆپ ھاللاردا كاردىن چىققان بولۇشى مۇمكىن، ساددا، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ، پىرىنسىپتا قەتئىي بولمايدۇ، دائىم يول قويىدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنى خەتەر ئىچىگە قويۇپ قويىدۇ. بىز ئاق كۆڭۈل بولۇشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، لېكىن بىز چوقۇم پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. چۈنكى ساددا، ئاق كۆڭۈل بولۇش بىزنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قالالمايدۇ، بىلىم ۋە پىرىنسىپ بولسىلا بولىدۇ.
在和这个朋友交流的时候,他说过一段“我从来没有伤害过别人,经常帮助陌生人,哪怕明知道别人骗我我都会去帮他,都说一心向善上天会保佑的,却…”。虽然小编真不忍心去打碎他的信念,但还是不得不和他说“这个和感染HIV没有关系,感染是因为没有保护好自己……当务之急是尽快治疗”。不知道他是否理解了我的意思,现在他已经在吃药了,但愿他经历过这次以后,在其他事情上,能够平衡好善良与原则的关系。也希望我们的小伙伴们能够从这个案例中得到一些启发,更好地保护自己的健康。
بۇ دوستۇم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇ مۇنداق دېگەن:«مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان، دائىم ناتونۇش كىشىلەرگە ياردەم قىلىمەن، باشقىلارنىڭ مېنى ئالدىغانلىقىنى ئېنىق بىلسەممۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن، ھەممىسى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشىلىققا ئىنتىلىدۇ، تەڭرى ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ دەيدۇ، ئەمما ......» . گەرچە تەھرىر ئۇنىڭ ئېتىقادىنى چېقىۋېتىشكە چىدىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭغا:«بۇنىڭ HIV بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، يۇقۇملىنىش ئۆزىنى ياخشى قوغدىيالمىغانلىقىدىن بولغان ...... نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش تېزدىن داۋالاش. ئۇ مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەندىمۇ يوق بىلمەيمەن، ھازىر ئۇ دورا يەۋاتىدۇ، ئۇ بۇ قېتىم باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، باشقا ئىشلاردا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن پىرىنسىپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالىسا بولاتتى. دوستلىرىمىزنىڭ بۇ مىسالدىن ئىلھام ئېلىپ، سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 

【责任编辑:开塞尔 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|