当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 延迟30天以上开始 HIV 治疗,患病

  • 影响HIV治疗效果的4种行为ئەي

  • 我今年才21岁,却感染了艾滋,以后的

  • 研究发现:基因编辑技术CRISPR-Cas

  • 感染者做到这几点,可实现寿命接近

  • ​感染者需要小心的哪些HIV重复

艾滋病患者体力活动后身体出现的变化ئەيدىز بىمارلىرى جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر

地区:梦想健康来源:本站原创发布者:高翔时间:2024-01-09 23:03:31点击:
ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك  بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ جىسمانىي ھەرىكەت قىلىش  ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياشانغان بىمارلارنىڭ بەل ئايلانمىسىنى كىچىكلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن. جىسمانىي ھەرىكەت بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش، جىسمانىي كۈچنى ئاشۇرۇش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ
قورساق قىسمىدىكى ئىچكى ئەزالاردىكى ماينىڭ توپلىنىشى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقى بەل ئايلانمىسىدا ئەكس ئېتىدۇ، بۇ سالامەتلىككە تېخىمۇ زىيانلىق. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى تاشقى قىياپەت جەھەتتە كىشىنى پەرىشان قىلىپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، جىگەرنى ماي قاپلاش، مەلۇم تۈردىكى راك كېسىلى، شۇنداقلا باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
بۇ يېڭى تەتقىقاتتا سېئاتىل ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەرۋىشكارلار ئىنستۇتىنىڭ دوكتورى ئالسىن ۋەبول ئوبيېكتىپ ئۆلچەنگەن بەدەن ھەرىكىتى بىلەن قورساق قىسمىدىكى ياغ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلغان
بۇ تەجرىبە  كۆپ ئورۇندا ئىلىپ بىرىلغان كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقات بولۇپ، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە يېمەك ئىچمەكنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان. تەجرىبە 416 نەپەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان قاتناشقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ( %77 ) ئەر، ئوتتۇرىچە يېشى 58 ياش بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتتە، %78 ئادەم بىرىكتۈرگۈچى فېرمېنتنى تورمۇزلىغۇچى دورىلىرىنى ئىچكەن. ئوتتۇرىچە بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچى 28.1 نى ئاساسىىي ئۆلچەم دېسەك،ئۇلار ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرا قىممىتىدە تۇرىدۇ، %88ئادەمنىڭ قورسىقى سېمىز، بەل ئايلانمىسى چوڭىيپ كەتكەن
تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىلار ساغرىسىغا تاقايدىغان سۈرئەتنى تېزلىتىش ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتىپ، يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە بەدەن ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەن ھەمدە بەل ئايلانمىسى ۋە ساغرا ئايلانمىسىنى ئۆلچىگەن. بۇ مەزگىلدە، ئۇلار ھەر كۈنى 3233 قەدەمدىن 7140 قەدەمگىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4905 قەدەم ماڭغان. ئۇلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 5.4 سائەت ئولتۇرۇپ ياكى ھەرىكەت قىلمايدۇ. يېرىمدىن ئارتۇق (  %55) ئادەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش نىشانىغا يەتكەن، يەنى ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال سىجىللىقتىكى جىسمانىي ھەرىكەت ياكى 75 مىنۇت قاتتىق ھەرىكەت قىلىدۇ
تەتقىقاتچىلار ياش، جىنس، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ۋە بىرىكمە فېرمېنتنى تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ماڭغان قەدەم سانىنىڭ قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ ئازىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ھەر كۈنى 1000 قەدەم ئارتۇق ماڭغاندا بەل ئايلانمىسى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىسقىرايدۇ. ئەكسىچە، ھەر كۈنى قانچە ئۇزۇن ئولتۇرسا بەل ئايلانمىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ياشانغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، تېخىمۇ كۆپ جىسمانىي ھەرىكەت قورساق قىسمىدىكى ماينىڭ ئازىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
تەتقىقاتچىلار خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى:«كەلگۈسىدىكى خىزمەت جىسمانىي ھەرىكەت ۋاقتى، تۈرى ۋە سىجىللىقىنى قانداق تەڭشەشنى تەتقىق قىلىش كېرەك، داۋالاش جەريانىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سېمىزلىكىنى ئازايتىش كېرەك 

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|