当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 你知道HIV什么时候传染性最强吗?

  • 我感染了HIV/艾滋病,要告诉家人和

  • 经验贴 | HIV 感染者的分享的~!

  • HIV感染者实现长期生存的“口诀

  • ​吃药过程哪些检测指标最有必要

  • 这些影响HIV感染者寿命的因素,原

性病=艾滋病?جىنسىي كىسەلدىن يۇقۇملىنىش ئەيدىزدىن يۇقۇملانغا باراۋەرمۇ

地区:拜城县来源:本站原创发布者:高翔时间:2024-01-07 15:28:16点击:
جىنسىي كىسەللىك دېگەن نېمە؟
جىنسىي كېسەللىك ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇكى ، جىنسىي ئۇچرىشىشنى ئاساسلىق تارقىلىش يولى قىلغان بىر گۇرۇپپا يۇقۇملۇق كېسەللىك. جىنسىي كىسەللىكلەردىن «چوڭ ئالۋاستى»دەپ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىدىن باشقا، يەنە سىفلىس، سۆزنەك، كۆپىيىش يولى تراخوما خلامىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ۋە جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى قاتارلىقلارمۇ بار
جىسنىي كىسەللىكلەرنىڭ قانداق زىيىنى بار؟
جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئېنىق كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ۋاقتىدا بايقالمىسا ۋە ئۆلچەملىك داۋالانمىسا، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە قورساقتىكى ھامىلىگە ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا يەنە بەدەندىكى كۆپلىگەن ئەزالارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ
جىنسىي كېسەللىك يەنە ئائىلە ئىچىدە تارقىلىدۇ، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئەگەر بىرەرسى يۇقۇملانسا، يېقىنچىلىق قىلغاندا قارشى تەرەپكە يۇقىدۇ، باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ جىنىسي كىسەللىك ۋىرۇسى تېگىشكەن بۇيۇملار بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن
لېكىن زىيادە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، خىزمەت سورۇنى بىلەن ئاممىۋى سورۇننىڭ ئادەتتىكى ئۇچرىشىشى، مەسىلەن، بىمار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، بىللە تاماق يېيىش، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئەيدىز كېسىلى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ، زىيىنى ئېغىر، جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى، خەلقئارادىكى تەسىرى چوڭ بولغانلىقتىن ئايرىم ھالدىكى جىنىسي كىسەللىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن 
جىنسىي كىسەللىك ۋە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
كۆپ جىنسىي ھەمراھتىن ساقلىنىش، بىخەتەر بولمىغان ھەرىكەتنى توسۇش بولسا جىنىسىي كىسەللىك ۋە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسلىق تەدبىر. ھەر بىر ئادەم جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي بىلىملىرىنى چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشى، جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئىلمىي تونۇشى، ھەمدە ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ماھارەتنى باشقىلارغا ئۆگىتىشى كېرەك
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتلارغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك: بىرىنچى، ئۆز ھەمراھىغا سادىق بولۇش،توي قىلماي تۇرۇپ قىلىنىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچىدىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە سۈپىتى ئىشەنچلىك گاندون ئىشلىتىش؛ ئۈچىنچىدىن زھەرنى رەت قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، تويدىن بۇرۇن، تۇغۇتتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى تەشەببۇس قىلىش؛ بەشىنچىدىن، ئەگەر گۇمانلىق جىنسىي كېسەللىك ئالامەتلىرى ( جىنسىي ئەزادىكى ئەسۋە، يارا، جىنسىي يول ياكى سۈيدۈك يولى ئاجراتمىلىرى بىنورمال بولۇش قاتارلىقلار ) كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش، ئۆز ئالدىغا دورا ئىچىشتىن قاتتىق ساقلىنىش؛ ئەگەر جىنسىي كېسەلگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولسا، يەنە جىنسىي ھەمراھىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك؛ ئالتىنچى،ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتا يۇقۇملۇق كېسەل بولمايدۇ، لېكىن ئائىلە ئىچىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، جىنسىي كېسەل بىمارلىرى ئىچ كىيىملىرىنى ئايرىم يۇيۇش، ۋاننا، لۆڭگىلەرنى ئايرىم ئىشلىتىش، تەرەت قاچىسىنى سۈرتۈپ يۇيۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك؛ يەتتىنچى، جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېت ھاسىل بولمايدۇ، قايتا يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، شۇڭا ساقايغاندىن كېيىن خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش كېرەك
 
جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىغا مۇھتاج 

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|