当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 延迟30天以上开始 HIV 治疗,患病

  • 影响HIV治疗效果的4种行为ئەي

  • 我今年才21岁,却感染了艾滋,以后的

  • 研究发现:基因编辑技术CRISPR-Cas

  • 感染者做到这几点,可实现寿命接近

  • ​感染者需要小心的哪些HIV重复

HIV感染者体检单上有哪些关键指标要关注ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

地区:梦想健康来源:本站原创发布者:高翔时间:2024-01-08 23:50:59点击:
ئەگەر تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش سۈپىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كەم بولسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچ ئايدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە زادى نېمىنى تەكشۈرىدۇ؟ قايسى خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا مۇھتاج؟
بىرىنچىدىن، نېمە ئۈچۈن ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىمىز؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇ ئارقىلىق مۇناسىپ داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كۆرسەتمىسى» دىكى تەكلىپلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، 3ئايدىن 6ئاي ۋاقىت ئىچىدە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈشى كېرەك
ئىككىنچىدىن، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشتىكى قايسى نۇقتىلارغا ئەھمىىيەت بىرىشىمىز لازىم؟
 ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن ئىيتقاندا ،لابوراتورىيلىك تەكشۈرۈش قەغىزىدىكى كۆرسەتكۈچلەر ئاساسلىقى ۋىرۇس مىقدارى، س د 4 ۋە ت ھۈجەيرە سانى،قاندىكى ماي ، قان شېكىرى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قىېتىمقى تەكشۈرۈشتە بۇ كۆرسەتكۈچلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم
جىگەر - بۆرەك ئىقتىدارى:جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ترانسئامىنازا، بىلىرۇبىن ۋە ئىشقارلىق فوسفاتازا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ترانسئامىنازا جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئىقتىدارى كرېئاتىنىن، ئۇرېيە ئازوتى قاتارلىق خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم
ئاخىرىدا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى بىمار دەپ قارىماسلىقنى، ھەر كۈنى ۋاقتىدا دورا يەپ، قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى، مېتابولىزم كۆرسەتكۈچىدە بىنورماللىق كۆرۈلسە دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە ۋاقتىدا دورا يېيىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، بالدۇر نەپكە ئېرىشكەندە، يۇقۇملانغۇچىلار نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولالايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتمەكچى ياكى مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 137655 چ چ نومۇرى ۋە ئۈندىدار نومۇرنى قوشسىڭىز بولىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|