当前位置:首页 > 各地疾控 > 乌什县疾病预防控制中心 > 艾滋病

图文信息

  • 【双语】为爱负责!远离艾滋的每一

  • 【双语】艾滋病患者可以结婚生子

  • 【双语】科普 | 病毒载量每年查

  • 【双语】HIV感染者预期寿命受哪

  • 【双语】感染HIV后,我的眼睛……

  • 【双语】为什么感染HIV后需要立

【双语】为爱负责!远离艾滋的每一步→ مۇھەببەت ئۈچۈن مەسئۇل بولۇپ، ھەربىر قەدەمدە ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى

地区:梦想健康来源:发布者:时间:2025-09-04 13:19:28点击:

 






مۇھەببەت ئۈچۈن مەسئۇل بولۇپ، ھەربىر قەدەمدە ئەيدىزدىن يىراق تۇرايلى
ئەيدىز كېسىلى شەخسنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي
ئائىلىنىڭ بەختىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
يەنە ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالدى
ئەيدىز تارقىلىش ئامىلى مۇرەككەپ ھەم كەڭ مەۋجۇت
ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ
پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇشىغا تېخىمۇ مۇھتاج
01
ئەيدىزنى بىلىش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش
ھازىر ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتىلغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا ۋە داۋالاش خاراكتېرلىك دورىسى يوق. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئادەتتە 7يىلدىن 10 يىلغىچە يوشۇرۇن مەزگىلى بولغاچقا، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدۇ
ئەگەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن ۋاقتىدا دىئاگنوز قويمىسا، يۇقۇملانغۇچىلار ۋىروسقا قارشى داۋالاش دورىسى ئىچمەيدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى كېسەل قوزغىلىدۇ، كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەيدۇ. شۇڭا يۇقۇملانغۇچىلار كېسەل قوزغىلىپ داۋالانغاندا، ھەمىشە ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ
ئەگەر يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز كېسىلىنى بالدۇرراق بايقىيالمىسا، ۋىرۇسنى ئۆزىنىڭ جۆرىسى ياكى جىنسىي ھەمراھىغا تارقىتىشقا ئاسانلا سەل قارىغان بولۇپ، ۋىرۇسنى ئۆزىنىڭ جۆرىسى ياكى جىنسىي ھەمراھىغا تارقىتىپ قويىدۇ
ئەيدىز كېسىلىگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇلغاندىلا بالدۇرراق ۋىرۇسقا قارشى داۋالانغىلى، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ۋىرۇسنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. ۋىرۇس ئازايسا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشىنى يېنىكلىتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش شەخسكە نىسبەتەن ھاياتلىق سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھاياتلىق ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ ئاممىۋى سەھىيە سەۋىيىسىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، كونترول قىلغىلى بولىدۇ
ئەگەر ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالىدىغان قىلمىشلار يۈز بەرسە، ھەرگىز تەلەي سىناپ قالماسلىق، چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ ئەيدىزنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك
ئەگەر تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلسا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىش كېرەك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىشتە چىڭ تۇرسىلا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى ۋە ئۆمرى نورمال كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ
02
ئەيدىزدىن يىراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
گەرچە ئەيدىز كېسىلىدە ھازىرچە ۋاكسىنا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋاكسىنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كۆپچىلىك ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بىرىنچى مەسئۇل بولۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك
شەخسىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتا ھەيز خاراكتېرلىك تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە قاننىڭ تارقىلىشى ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ن★ ئەگەر قاش چىكىش ،بەدەنگە گۇل چىكىش، قۇلاق تۆشۈكىنى ئۇرۇش، چىش تارتقۇزۇش قاتارلىق ئېھتىياج بولسا، چوقۇم مۇنتىزىم ئاپپاراتلارغا بېرىپ، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ن★ زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، زەھەر ئىشلىتىشنى توسۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەگەر بەختكە قارشى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالسا، ئاكتىپلىق بىلەن تاشلاش كېرەك، مېيشاكوننى داۋالاش ۋە تازىلاش يىڭنىسى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئورتاق شىپرىس ئارقىلىق زەھەر چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ن★ تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالدۇرراق ئەيدىزنى تەكشۈرتۈشى، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، بىخەتەر تۇغۇت ياردەم قىلىشى ھەمدە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالىنىشى، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىشى كېرەك
ئۇنداقتا ، قانداق قىلپ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرىنى چۈشىنىش
ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەك
ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇش
ھەر بىر قەدەمدە مۇھەببەت ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
 
01
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بىلىملىرى
ن1.ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى: بۇ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى، توغرا ئىشلەتكەندە ئەيدىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ن2.ئىچىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى: ئاياللارغا نىسبەتەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىش بىر خىل قولايلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى، ئەمما ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىش كېرەك
ن3.بالىياتقۇ ئىچىدىكى تۇغۇت چەكلىگۈچ: بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك قارشى تۇرىدىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بار ئاياللارغا  ماس كېلىدۇ
02
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش
ن1.تارقىلىش يوللىرىنى ئىگىلەش: ئەيدىز ئاساسلىقى قان، جىنسىي ئۇچرىشىش، ئانىلار بىلەن بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشى ۋە ئورتاق يىڭنە سايمانلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ
ن2.ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىش: ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە سايمانلىرىدىن ساقلىنىش، قەرەللىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
03
مۇھەببەت ئۈچۈن مەسئۇل بولايلى
ن1. قەرەللىك تەكشۈرۈش: مەيلى سىز ياكى ھەمراھىڭىزدا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسۇن ياكى كۆرۈلمىسۇن، قەرەللىك ساغلاملىق تەكشۈرۈشى مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ ئىپادىسى
ن2. ئېچىۋېتىلگەن ئالاقە: ھەمراھلار بىلەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنسىي ساغلاملىق مەسىلىسىنى سەمىمىي مۇزاكىرە قىلىش ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئورنىتىشنىڭ ئاساسى
ن3. ئۆزىگە: ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى چۈشىنىش سىزنىڭ تېخىمۇ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ
 

 

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|