当前位置:首页 > 各地疾控 > 红雨伞协会 > 艾滋病

图文信息

  • 【健康科普】6.26国际禁毒日:禁毒

  • 【双语】【健康科普】禁毒日——

  • 【双语】男男同性性行为人群——

  • 【双语】蚊子会传播艾滋病吗?疾控

  • 【双语】接吻会传染艾滋病吗?揭秘

  • 【双语】禁毒防艾——沾染毒品,就

【双语】【健康科普】禁毒日——防范青少年药物滥用 ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش: زەھەر چەكلەش كۈنى ياشلار ئۆسمۈرلەر دورىلىرىنى قا

地区:梦想健康来源:发布者:时间:2026-06-25 18:34:22点击:

 

 


  • ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش: زەھەر چەكلەش كۈنى ياشلار ئۆسمۈرلەر دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
 
  • 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى 39-قېتىملىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى، بۇ يىل خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنىنىڭ باش تېمىسى "ياشلار-ئۆسمۈرلەر دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش" . بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ زەھەر تونۇش، زەھەردىن ساقلىنىش، زەھەرنى رەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەرگە ياق دېيىشىمىز كېرەك.
 
  • زەھەر دېگەن نېمە ؟
  • «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 357-ماددىسىدا، زەھەر ئەپيۇن، خروئىن، مېتىل فېنىلمىن("كىرىستال زەھەر"، مورفىن، نەشە، كوكائىن ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىدىكى باشقا ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.
  • «ناركوز قىلىش دورىسى ۋە روھىي دورا تۈرلىرى مۇندەرىجىسى»دە 121 خىل ناركوز دورىسى ۋە 130 خىل روھىي دورا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
  • زەھەر ئادەتتە ناركوز قىلىش دورىسى ۋە روھىي دورا دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى ناركوز دورىلىرى ئىچىدىكى كەندىر تۈرى، ئەپيۇن تۈرى ۋە كوكائىن تۈرىدىكىلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
  • دىققەت قىلىش كېرەككى: ناركوز دورىسى ۋە روھىي دورىلار قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، قانۇنلۇق ئىشلىتىلىش داۋامىدا دورا ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەمما قانۇنغا خىلاپ ھالدا قالايمىقان ئىشلىتىش زەھەرگە ئايلىنىدۇ.
 
  • زەھەرنىڭ قانداق زىيىنى بار ؟
  • 1.جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزۈدۇ: روھىي توسالغۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئەڭ ئاساسلىق جىسمانىي ۋە روھىي زىيان بولۇپ، خىيالىي تۇيغۇ، تەپەككۇر توسالغۇسى، خاراكتېرىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، يەنە ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قاتارلىق خەتەرلىك قىلمىشلار كۆرۈلىدۇ.
  • 2.قان ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ يۇقۇش خەۋپى ئاشۇرىدۇ : قىسمەن كىشىلەر قارىغۇلارچە شامالغا ئەگىشىپ زەھەر چېكىدۇ، ئورتاق شپىرس ئىشلىتىش ئەيدىز، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەر چېكىش ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، ئۆمۈر بويى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ .
  • 3. باشقۇرۇلۇدىغان دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى : يۆتەل توختىتىش سۇيى ، تىنىچلاندۇرۇش تۈرى، خۇمار تەركىبىدىكى روھىي دورىلارنى ئۆز ئالدىغا ساقلاش، قالايمىقان ئىشلىتىش، سېتىش زەھەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق مۇددەت قالايمىقان ئىشلىتىش جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ، سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  • 4. ئائىلە ھاسىلىي ۋە ئىجتىمائىي ساغلاملىق كىرزىسى: دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئوقۇشتىن توختاش، زوراۋانلىق، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئاسانلا پەيدا قىلىدۇ ئاياللار-ئۆسمۈرلەر دورىنى قالايمىقان ئىشلەتكەندىن كېيىن، تاسادىپىي ھامىلدار بولسا، ھامىلىنىڭ تۇغما غەيرىيلىكى، دورىغا تايىنىۋېلىش، بالدۇر بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا سالامەتلىك يوشۇرۇن خەۋپى پەيدا قىلىدۇ.  
 
  • ئىككى كۆزىڭىزنى يوغان ئىچىڭ! ياش-ئۆسمۈرلەرگە زىيان يەتكۇزىدىغان «نىقابلانغان زەھەر» تۆۋەندىكىچە
  • قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ياشلار ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوۋ ئوۋلاش پىسخىكىسىغا قارىتا، زەھەرنى كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ھالدا مەكتەپ ئەتراپى، قاۋاقخانا، يىغىلىشتا ئوبوروت قىلىدۇ:
  • ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تۈرى: ھەسەن-ھۈسەن كەمپۈت، چۈچى پىرەنىكى، شاكىلات، تىياۋ تىياۋ تاڭ
  •  ئىچىملىكى تۈرى: سۈت چاي پاراشوكى، توردىكى مودا بولغان گازلىق سۇ، كونسېرۋالىق قەھۋە، نامەلۇم ئىقتىدارلىق ئىچىملىكلەر
  •  يېڭى مودا بۇيۇملار: ئالاھىدە ئېلېكترونلۇق تاماكا مېيى، «باشقا چىقىدىغان چاپلاش قەغىزى»، ئىسرىق، ئۇيقۇكەلتۇرىدىغان «يۇمشاق كەمپۇت » .
  • ناتونۇش كىشىلەر سوۋغا قىلغان ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك، ئىچىملىك، تاماكا، ئېلېكترونلۇق تاماكىنى بىردەك رەت قىلىش كۆرۈش سىزىقىدىن ئايرىلغان ھاراق، يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، شامالغا ئەگىشىپ توردا نام چىقىرىشنى سىناپ باقماسلىق، بېسىمنى يېنىكلىتىش، ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش، روھنى ئۇرغۇتۇش" نامەلۇم مەھسۇلاتلارنى سىنىماسلىق .
  • ياشلار-ئۆسمۈرلەر نېمىشقا ئاسانلا دورىنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ؟
  • 1.ھەددىدىن زىيادە قىزىقىش : «قانداق تۇيغۇ بارلىقىنى سىناپ باققىسى كىلىپ»-نۇرغۇن ياشلار-ئۆسمۈرلەر مۇشۇ خىيال سەۋەبىدىن چوڭقۇر ھاڭغا قەدەم قويدى.
  • 2.ھەمراھلىرىنىڭ بېسىمى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يەۋاتىدۇ، سەن مۇ بىر تال يەپ باق» دەپ ، توپقا قىتىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر ئەگىشىپ يامان ئۆگىنىدۇ.
  • 3.ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر: روھنى ئۇرغۇتۇپ، تەشۋىشلىنىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن، روھىي تۈردىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئاخىردا خۇمار بولۇپ قالىدۇ.
  • 4.ئائىلىلەردە غەمخورلۇق قىلىش يېتەرسىزلىك: ئاتا-ئانىلار كارى بولمايدۇ، چۈشەنمەيدۇ، بالىلار ئاسانلا سىرتتىن "تەۋەلىك تۇيغۇسى" تېپىپ، ئەسكى ئادەملەر تەرىپىدىن پايدىلىنىدۇ.
  • 5.زىيىنىنى چۈشەنمەسلىك: «بىر قېتىم يىسە، ھېچ ئىش يوق» دەپ قارايدۇ، خۇمار بولۇپ قالسىلا، تاشلىماق تەس!
 
  • ياشلار ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرگە يۇقۇملانغانلىقى قانداق جازالىنىدۇ؟
  • قۇرامىغا يەتكەنلەر زەھەر چېكىشتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى››نىڭ 72-ماددىسىدا: 10 كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك بولسا، 5كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
  • 14ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلار يۇقارقى دەرىجىدە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازالىنىدۇ.
  • 14 ياشقا توشمىغانلار ھامىيلىق قىلغۇچىنى قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇشى كېرەك.
 
  • زەھەردىن قانداق يىراق تۇرۇش كېرەك؟
    • بىرىنجى ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغدىشى
  • شەخسىي قاۋاقخانا ، KTV  ، ناتونۇش تورداشلار يىغىلىشى قاتارلىق مۇرەككەپ سورۇنلارغا بارماسلىق كېرەك.
  • ئوقۇش، كەيپىيات بېسىمىغا توغرا قاراپ، ئۇيقۇسىزلىق تەشۋىشلىنىشنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىنىڭ پىسخىكا بۆلۈمىگە بېرىپ داۋالىنىش، توردىن ئېنىق بولمىغان، تەمكىن بولمىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان مەھسۇلاتلارنى سىتىۋالماسلىق كېرەك.
  • توغرا تونۇشنى تۇر غۇزۇش: " ئاز مىقداردا زىيانسىز" زەھەر مەۋجۇت ئەمەس، بىر قېتىمدا يۇقۇملانغاندا خۇمار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
    • ئىككىنجى ، ئاتا-ئانىلار مۇداپىئە نازارەت سېپىنى قۇرۇش كېرەك
  • ئۆيدىكى زۇكام دورىسى، يۆتەل توختىتىش دورىسى، تىنىچلاندۇرۇش تۈردىكى روھىي دورىلارنى ياخشى ساقلاش كېرەك، خالىغانچە قويماسلىق كېرەك.
  • بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، تور ئىستىمالى، دەم ئېلىش ئۆزگىرىشىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، پسىخىكىلىق بېسىمنى ۋاقتىدا يېتەكلەش كېرەك.
  • زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، بالىلار بىلەن قەرەللىك ھالدا زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش كېرەك.
    • ئۈچۈنجى ، مەكتەپ مائارىپى مۇداپىئە سېپى
  • مەكتەپ زەھەر چەكلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش، يېڭى روھىي ئاكتىپ ماددىلارنى پەرقلەندۈرۈش دەرسخانىسىنى دائىمىيلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جامائەت خەۋپسىزلىكى بىلەن بىرلىشىپ مەكتەپكە كىرىش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، زەھەرنىڭ مەكتەپكە سىڭىپ كىرىشىنى مەنبەدىن توسۇش كېرەك.
    • تۆتىنجى ، جەمئىيەتتە ئورتاق تۈزەش مۇداپىئە سېپى
  • دورا دۇكىنى، سودىگەرلەر خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى سېتىشنى قاتتىق باشقۇرۇش زەھەرگە چېتىشلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دورا سېتىش، باشقۇرۇش يىپ ئۇچى بايقالغاندىن كېيىن، 110غا ۋاقتىدا تېلېفون قىلىش، زەھەر چەكلەش پاش قىلىش تېلېفونى 12322 گە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش .
  • ياشلار كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەردىن يىراقلىشىشىنى قوغداش ئائىلە، مەكتەپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. كۆپچىلىكنى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئەتراپىدىكى ياشلار ئۆسمۈرلەرگە زەھەرنىڭ زىيىنىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، زەھەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقۇرۇش دورىلىرىنى ئاڭلىق توسۇپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئوۋلاشنىڭ ئورنىغا قويۇۋېتىپ، زەھەرسىز، تىنچ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.
  
 
 

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|