当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش كىرەك

发布日期:2023-03-03 点击:
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك
بىرىنچىدىن، خەتەرلىك جىنسىي قىلمىش تارىخىي بارلار، يەنى پەقەت بىر قېتىم بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتمەي يات جىنىسلار ياكى ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن جىنسىي قىلمىش يۈز بەرسە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش كېرەك
مەيلى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ياكى  ئەرلەر بىلەن ئەرلەر بولسۇن تۈرلۈك دوسىتلىشىش دىتاللىرىدى ئارقىلىق تونۇشۇپ، تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن بىر كىچىلىك مۇناسىۋەت يۈز بەرسە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت يۈز بەرسە، ئۇنىڭدىن باشقا دائىم خەتەرلىك جىنسىي قىلمىشلار دائىم يۈز بىرىدىغان كىشىلەر توپىغا قارىتا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ
ئىككىنچىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ جۆرىسى ياكى جىنسىي ھەمراھى
ئۈچىنچىدىن، باشقىلار بىلەن ئورتاق يىڭنە ئىشلىتىپ زەھەر چەككۈچىلەر
تۆتىنچىدىن، مۇنىتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولمىغان ئورۇنلاردا چىش تارتقۇزغان، بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرگەنلەر، بۇ جەرياندا ئۆلچەملىك دىزىنفىكسىيە قىلمىغان ئەسۋابلارنى ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن
بەشىنچى، باشقا ئەھۋاللار
سىفلىس، سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۈگەل قاتارلىق جىنسىي كىسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملانغانلار
توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھەمراھلار تويدىن بۇرۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىغا قارشى تەكشۈرتۈش ئىلىپ بىرىشى كېرەك
ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتتا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرتۈش ئىلىش بىرىش كېرەك؟
 ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەرھال ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرگىىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا تەكشۈرۈشنىڭ كۆزنەك ۋاقتىى بولىدۇ، ئانىتتىلانى تەكشۈرۈشنىڭ كۆزنەك ۋاقتى ئادەتتە تۆت ھەپتىدىن ئون ئىككى ھەپتىگىچە، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ كۆزنەك ۋاقتى بىر ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە
نۆۋەتتە، ئەڭ كۆپ تەكشۈرۈش ئوسۇلى بولسا ئاننىتتلانى تەكشۈرۈش، ئۇسۇلى بولۇپ، خەتەرلىك قىلىمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن 4 ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە ئاننىتلاغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، كۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلار 4ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە بولغان ئانتتىلاغا قارىتا تەكشۈرۈش ئىلىپ بارسە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشتە نەدە تەكشۈرتۈش كىرەك؟
بىرىنچىدىن،، يەرلىك ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش تەكشۈرۈش ئامبولاتورىىيلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرتسە بولىدۇ
ئىككىنچىدىن، ھەر قايسى ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
ئۈچىنچىدىن، ھەر قايسى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىلىرى ۋە كۆپ قىسىم ئاساسى قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
تۆتىنچىدىن، ئەيدىز كىسەللىكلىرىنىڭ ئالىدىنى ئىلىش ئىجىمائىي تەشكىلاتلىرى مەسلىھەت بىرىش ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
بەشىنچىدىن ، مۇنتىزىم ئىشەنچىلىك ئىلىكتىرونلۇق دورا دۇكانلىرىدىن ئۆزى سېتىۋىلىپ تەكشۈرسە بولىدۇ

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【沙雅县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有