艾滋病(AIDS)是由人类免疫缺陷病毒(HIV)引起的严重免疫缺陷疾病。从感染HIV到发展为艾滋病,往往经历数年甚至十余年的漫长过程。不同阶段的症状表现差异显著,了解这些前兆信号,对于早期发现、及时干预至关重要。
身体出现这5个信号,
可能是艾滋病预警
身体出现这5个信号,可能是艾滋病预警:
很多艾滋病感染者,初期出现症状时,都会误以为是普通感冒或小毛病,没有放在心上,结果错过了最佳治疗时机。如果你的身体出现以下这几个症状,一定要提高警惕,可能是艾滋病发出的信号!远离艾滋病,
这4种高危性行为一定要避开
艾滋病的传播途径主要有三种:性接触、母婴和血液,其中在我国,性传播是最主要的传播途径,占比已超过98%。 想要远离艾滋病,一定要避开以下这几种高危性行为! 1、不安全性行为 口交、肛交等高危性行为,可能会导致艾滋病毒传播,因此要拒绝不安全的性行为。 2、非法采血点输血或卖血 非法采血点的注射器可能未经消毒,血液可能存在污染,传染艾滋病毒的几率更高。 3、不正规机构美牙 洗牙或者补牙等过程中,可能会有牙龈出血现象,不正规美牙机构的机头可能未消毒,要小心感染肝炎、艾滋病等。 4、不正规机构纹眉、打耳洞、纹身 外面不正规的机构可能会有操作不够规范、卫生不过关等风险,在这些机构纹眉、打耳洞、纹身,可能会被艾滋病盯上。 我国艾滋病高发,其中青年学生和老年人是艾滋病的重灾区。平常要关注自己的身体情况,出现上述一些异常症状,要警惕是艾滋病的信号,平常要避免一些高危的行为。
- بىر ماقالە ئارقىلىق ئىلم-پەن بىلىملىرى بىلەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆگىنىمىز، ئەمدى قارىغۇلارچە ئەيدىزدىن قورقماڭ!
- ئەيدىز توغرىسىدىكى بىلىملەرنى سىز قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ بىرلىكتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنەيلى!
- 2007-يىلىدىن باشلاپ ئەيدىز بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىزچىل ئېلىمىزدىكى تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئەزەلدىن تەۋرەنمەيدىكەن.
- ئەيدىز كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى: قورقۇش، ئۆزىنى قاچۇرۇش.
- ئەيدىز توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر خاتا قاراشقا پېتىپ قالىدۇ: مەسىلەن« ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە يۇقۇملىنىدۇ»، «پەقەت جىنسىي ئۇچراشقاندىلا HIV ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالىدۇ» ...... ئۇزۇندىن بۇيان، بۇ پىتنە-ئىغۋا ۋە خاتا چۈشەنچە كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىزدىن قورقۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپلا قالماي، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تۇرمۇشتا نۇرغۇن زۆرۈر بولمىغان كەمسىتىش ۋە بېسىملارغا دۇچار قىلدى.
- بۈگۈن بىز بىرلىكتە ئەيدىزنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى چۈشىنىپ، ئەيدىزدىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشنى ئۆگىنىپ، ئەيدىزدىن قارىغۇلارچە قورقمايمىز.
- ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە
- ئەيدىز (AIDS) ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (HIV) كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسەللىكى. HIV بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىشقىچە، كۆپ ھاللاردا نەچچە يىل ھەتتا ئون نەچچە يىللىق جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدە پەرق كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ ئالامەتلەرنى چۈشىنىش بالدۇر بايقاش، ۋاقتىدا ئارىلىشىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
- HIV مەخسۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ھۈجەيرىسىنى بۇزۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئىككى يىلدىن ئون يىلغىچە ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئۈزۈل - كېسىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
- ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان ئۇسۇل يوق، ئەمما ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ كۆپەيتىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى، بىمارلارنى نىسبەتەن ساغلام تۇرمۇشقا ئىگە قىلغىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى ھەم ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
- بەدەندە بۇ بەش سىگنالنىڭ پەيدا بولۇشى ئەيدىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى مۇمكىن
- بەدەندە بۇ بەش سىگنال پەيدا بولۇش ئەيدىزدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى مۇمكىن:
- نۇرغۇن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى دەسلەپكى مەزگىلدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئادەتتىكى زۇكام ياكى كىچىك كېسەل دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان، كۆڭلىگە پۈكمىگەن، نەتىجىدە ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان. ئەگەر بەدىنىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك بۇ بىر قانچە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك، بەلكىم ئەيدىز كېسىلى تارقاتقان سىگنال بولۇشى مۇمكىن!
- 01 تېرە ئەسۋىسى
- HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2 ھەپتىدىن 4 ھەپتىگىچە بولغاندا، ٪30تىن ٪50كىچە ئادەم جىددىي خاراكتېرلىك باسقۇچقا كىرىدۇ، تېرە ئەسۋىسى قاتارلىق تېرە مەسىلىلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىلىكىڭىز، يۈز قىسمىڭىز، پۇت-قوللىرىڭىز ياكى بەدەن غولىغا تەگكەندە، دۆڭلۈك ئەسۋە، قىزىل داغ چىقىپ قالسا، ھەتتا سۇلۇق قاپارتما ئەسۋە چىققان بولسا بىپەرۋالىق قىلماڭ، بۇ ئەيدىز پەيدا قىلىدىغان بىنورمال ئىنكاس بولۇشى مۇمكىن
- 02 كېكىردەك ئىششپ ئاغرىش
- «ئەيدىز كېسىلىنى كېلىنكىلىق داۋالاش ژۇرنىلى» نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ٪40-٪50 جىددىي خاراكتېرلىك ئەيدىز بىمارىدا يۇتقۇنچاق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، داۋاملىشىش ۋاقتى تەخمىنەن نەچچە كۈندىن بىر ھەپتىگىچە ئوخشىمايدىكەن، باشتىكى يېنىك بىئارام بولۇش ئاستا-ئاستا ئېغىر يۆتەل، يۇتۇش قىيىن بولۇپ، ئادەتتىكى زۇكام دەپ سەل قارىلىدىكەن.
- 03 قىزىتمىغا ئەگىشىپ توڭۇش
- ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تەتقىقات مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ٪60- ٪90 ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە، 38 گىرادۇستىن يۇقىرى قىزىتما چىقىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توڭلاش ئالامەتلىرى كۆرۇلۇدىكەن ، بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن، ھەتتا نەچچە ھەپتىدىمۇ ياخشىلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.
- 04 لىمفا تۈگۈنى ئىششىش
- ٪50- ٪80 ئەيدىز جىددىي مەزگىلىدە بىماردا لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ھاللاردا بويۇن، قولتۇق ئاستى، قورساق ئېرىق قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، بەزىدە يەنە ئاغرىش ياكى بىئاراملىق تۇيغۇسى بولىدۇ.
- 05 ئاشقازان- ئۈچەي يوللىرى بىئارام بولۇش
- HIV بەدەندە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلگەندە، زور مىقداردىكى ھۈجەيرە فاكتورى قويۇپ بېرىلىپ، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچى سۈرۈش نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا سۇدەك ئىچى سۈرۈش يۈز بېرىدۇ.
- ئەيدىزدىن يىراق تۇرۇپ، بۇ تۆت خىل خەتەرلىك قىلمىشتىن چوقۇم ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك
- جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا ، 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ، ئېلىمىزدە ھازىر HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىر مىليون 329 مىڭغا يەتكەن ، 2023-يىلىلا يېڭىدىن 110 مىڭ يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن ، ئالدىنى ئېلىش ، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ئىكەن .
- ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يولى ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش، ئانا بوۋاق ۋە قان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزدە جىنسىي تارقىلىش ئەڭ ئاساسلىق يول بولۇپ، نىسبىتى ٪98تىن ئاشتى.
- ئەيدىزدىن يىراق تۇرماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك بۇ بىر نەچچە خىل خەتەرلىك ھەرىكەتتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك
- 1.بىخەتەر بولمىغان قىلمىش
- ئىغىز ئارقىلىق ، مەقەت ئارقىلىق جىنسىي قىلمىش خەتەرلىك قىلمىشلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلارنى رەت قىلىش كېرەك.
- 2. قانۇنسىز قان ئېلىش نۇقتىسىدا قان سېلىش ياكى قان ئىلىش
- قانۇنسىز قان ئېلىش نۇقتىسىدىكى شىپرىسلار دېزىنفېكسىيە قىلىنماي تۇرۇپلا قاننىڭ بۇلغىنىشى مۇمكىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.
- 3. مۇنتىزىم بولمىغان ئورگانلار چىش گۈزەللەشتۈرۈش
- چىش يۇيۇش ياكى چىش تولۇقلاش جەريانلىرىدا چىش مىلىكىدىن قان چىقىش ھادىسىسىسى بولۇشى مۇمكىن، مۇنتىزىم بولمىغان چىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بېشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن، جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.
- 4. مۇنتىزىم بولمىغان ئاپپاراتلاردا قاش چېكىش، قۇلاق تۆشۈكىنى ئۇرۇش، گۈل چېكىش
- سىرتتىكى مۇنتىزىم بولمىغان ئاپپاراتلاردا مەشغۇلات ئۆلچەملىك بولماسلىق، تازىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەسلىك قاتارلىق خەۋپلەر بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئاپپاراتلاردا قاش چېكىش، قۇلاق تۆشۈكىنى ئۇرۇپ، گۈل چېكىش ئەيدىز كېسىلى يۇقۇپ قىلىشى مۇمكىن.
- ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشانغانلار ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئېغىر ئاپەت رايونى. ئادەتتە ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەزى بىنورمال ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ سىگنالىدىن ھۇشيار بولۇش، ئادەتتە بەزى خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك.






