该病毒会破坏人体免疫系统的细胞,导致机体抵抗力下降。人体在感染病毒2到10年甚至更久以后,免疫系统受到毁灭性破坏时,才会发展成艾滋病。
- 性行为:HIV可以通过性行为传播。如果其中一方感染了病毒并且没有采取适当的预防措施,就可能感染HIV。
- 母婴传播:孕妇感染HIV时,可以通过怀孕、分娩或母乳喂养将病毒传播给婴儿。然而,通过接受适当的医疗护理、抗病毒治疗和母婴预防措施,可以显著减少这种传播的风险。
- 血液和血液制品:接触被污染的血液或血液制品。使用感染HIV的注射器或针头进行注射毒品是一种高风险的行为,因为这可以导致HIV传播。不仅限于吸毒者,也可能涉及医疗操作中的注射器共用或未经消毒的注射器。
- 急性感染期:HIV急性病毒感染后,可能出现发热、咽痛、恶心、关节痛等症状,持续1~3周不等。这时,HIV抗体尚为阴性,通常称为窗口期,大约在感染10天后可以检测出HIV核酸。这时往往容易忽视这些症状,误认为是“普通感冒”,对于有过此类情况的高危人群需尽快进行HIV相关检测。
- 无症状期:即在急性感染期以后,许多HIV感染者可能长时间内没有明显症状,被称为无症状期。在此期间,病毒持续破坏免疫功能。
- 艾滋病期:如果未接受治疗,HIV感染最终可能会发展成艾滋病。艾滋病是免疫系统功能受损严重的状态,患者容易感染严重的疾病和恶性肿瘤。
常被人们称为“后悔药”的,就是艾滋病毒暴露后预防疗法(简称PEP)。需要注意的是:
- 这个“后悔药”无法让已感染的人痊愈,只可以保护未感染的人;
- 和HIV感染者或感染状态不明者发生关系均可保护;
-
必须在72小时内服用(暴露后2小时内服药最佳)。
05 关于艾滋病的几个常见误区 不会。HIV主要存在于艾滋病患者和HIV感染者的血液、精液、阴道分泌物、乳汁等体液中。完整的皮肤能够有效地阻挡病毒的入侵,只要皮肤没有破损,接触到艾滋病患者体表正常的汗液等分泌物是不会感染艾滋病的。艾滋病会通过握手或拥抱传播吗? 不会。血液中的HIV会在蚊子的消化系统中被灭活。另外,蚊子口器上残留的血液量极少,所携带的病毒数量远远不足以引起新个体的感染。蚊子叮咬会传播艾滋病吗? 不一定。在没有任何干预措施的情况下,母婴传播的概率大约为15%~45%。而通过有效的母婴阻断措施,包括孕期抗病毒治疗、选择安全分娩方式和避免母乳喂养,母婴传播的风险可以降低到2%以下。HIV阳性母亲一定会把病毒传给孩子吗? 不会。HIV在唾液中的病毒含量极低,远远达不到引起感染的程度。而且HIV在环境中非常脆弱,一旦离开人体很快就会失去活性。与艾滋病人共用餐具会感染艾滋病? 不会。HIV病毒一旦脱离体液环境,它的存活和感染能力都会大幅下降。因此,即使针头沾有HIV感染者的血液,由于病毒量极少,且暴露在外界环境中,感染的可能性几乎为零。被共享单车车座的“艾滋针”扎伤会感染吗? 不会。在游泳池的水中或公共浴室的环境中,由于水的稀释作用、消毒剂的存在(游泳池水通常含有消毒剂)以及环境因素(如温度、pH值等),HIV病毒很难长时间存活。同时,人体的皮肤是一道天然的、非常有效的防护屏障,HIV病毒也无法穿透皮肤进入人体。所以与艾滋病患者共用游泳池或公共浴室不会感染艾滋病。与艾滋病人共用游泳池或公共浴室会感染吗?
ئەيدىز ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، يەنە 72 سائەت «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش» پۇرسىتى بار!
بۇيىلقى1-دېكابىر 38-قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» يېقىندا ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا يەنىلا 40 مىليون 800 مىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىليون 200 مىڭ ئادەم تېخى داۋالانمىغان، 2024-يىلى دۇنيادا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بىر مىليون 300 مىڭغا يەتكەن
ئەيدىز توغرىسىدا نۇرغۇن خاتا قاراشلار بار، مەسىلەن«ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىپ قالىدۇ» ،«پەقەت جىنسىي ئۇچراشقاندىلا ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدۇ» ...... ئەيدىز كېسىلى ئىزچىل تۈردە نۇرغۇن خاتا چۈشىنىش ۋە پىتنە- ئىغۋالارغا ئەگىشىپ كەلدى. بۇ خاتا قاراشلار كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن قورقۇشىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يۇقۇملانغۇچىلارنى جەمئىيەتتە زۆرۈر بولمىغان كەمسىتىش ۋە بېسىملارغا بەرداشلىق بىرىشكە مەجبۇرقىلدى. بۈگۈن بىز بىرلىكتە ئەيدىز پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى چۈشىنىپ، ئەيدىزدىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئەمدى ئەيدىزدىن قورقمايمىز
01 ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە ئەيدىز، يەنە ئېرىشىش خارىكتىرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى يەنى بىز دائىم دەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى جىنسىي ھەرىكەت، قان ئۇچرىشىش ياكى ئانىدىن بوۋاقلارغا تارقىلىدۇ
بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى بۇزۇپ، ئورگانىزىمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئادەم بەدىنى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى يىلدىن ئون يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدۇ
ھازىر ئەيدىزنى تۈپتىن داۋالاپ ساقايتىدىغان ئۇسۇل يوق، ئەمما ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، بىمارنى نىسبەتەن ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ ھەم ئۆمرىنى ئۇزارتالايدۇ
02 ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئەيدىز كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ
جىنسىي قىلمىش: ئەيدىز جىنسىي ھەرىكەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھەمدە مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغان بولسا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بار ئانىدىن-بالىغا تارقىلىش: ھامىلىدار ئاياللار ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندا، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، تۇغۇش ياكى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئارقىلىق ۋىرۇسنى بوۋاققا تارقىتىدۇ لېكىن مۇۋاپىق داۋالاش، ۋىروسقا قارشى داۋالاش ۋە ئانىلار-بوۋاقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتقىلى بولىدۇ قان ۋە قان بۇيۇملىرى: بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان شىپرىس ياكى يىڭنىنى ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىش بىر خىل خەتەرلىك ھەرىكەت، چۈنكى بۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرلا ئەمەس، بەلكىم داۋالاش مەشغۇلاتىدا ئىشلىتىلىدىغان شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ياكى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىسقا چېتىلىشىمۇ مۇمكىن
03 ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانسىلا ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ قالامدۇ ھەر بىر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى ناتايىن. ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارى كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈچ باسقۇچى
جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى: ئەيدىز كېسىلى جىددىي خاراكتېرلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، 1-3 ھەپتىگىچە ئۇدا داۋاملىشىدۇ. بۇ چاغدا ئەيدىز ئانتىتېلاسى مەنپىي بولۇپ، ئادەتتە كۆزنەك مەزگىلى دەپ ئاتىلىدۇ، تەخمىنەن يۇقۇملىنىپ 10 كۈندىن كېيىن ئەيدىز يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ چاغدا ھەمىشە بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاسانلا سەل قارايدۇ، بۇنى " ئادەتتىكى زۇكام" دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن خەتەرلىك كىشىلەرنى تېزدىن ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش كېرەك كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىل : يەنى جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلىدىن كېيىن ، نۇرغۇنلىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدا ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئالامەت بولماسلىقى مۇمكىن ، بۇ كېسەللىك ئالامىتى يوق مەزگىل دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ مەزگىلدە، ۋىرۇس ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى داۋاملىق بۇزىدۇ ئەيدىز مەزگىلى: ئەگەر داۋالانمىسا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەيدىز كېسىلى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ھالەت بولۇپ، بىماردا ئاسانلا ئېغىر كېسەللىك ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە يۇقۇملىنىدۇ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە ۋىرۇس رېئاكسىيىسى ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر كۆپ يىللاردىن كېيىن ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، بەزى كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ۋاقىتنىڭ ئاتلىنىشى ئادەمگە قاراپ ئوخشىمايدۇ
ئومۇمەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش چوقۇم ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، داۋالاش تەكلىپىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا ئەمەل قىلىش بىمارلارنىڭ ئەيدىز باسقۇچىغا كېچىكتۈرۈلۈشىگە ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ
شۇڭا مۇھىمى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ئۈچۈن بالدۇر دىئاگنوز قويۇش،بالدۇر داۋالاش ۋە قەرەللىك داۋالاشنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك
04 ئەيدىز ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش دېگىنىمىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغانلار، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى بولغاندىن كېيىن، يۇقۇملۇنۇشدىن بالدۇر (72 سائەتتىن ئاشمايدۇ) ئالاھىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان چارىنى كۆرسىتىدۇ
كىشىلەر دائىم "پۇشايمان دورىسى " دەپ ئاتايدىغىنى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلى. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى
بۇ "پۇشايمان دورىسى" يۇقۇملانغان كىشىلەرنى ساقايتالمايدۇ، يۇقۇملانمىغانلارنى قوغدىيالايدۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانغان ھالىتى ئېنىق بولمىغانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ چوقۇم 72 سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىش كېرەك( ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى 2 سائەت ئىچىدە دورا ئىچىش ئەڭ ياخشى)
05 ئەيدىز توغرىسىدىكى بىر قانچە دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش ئەيدىز كېسىلى قول ئېلىشىش ياكى قۇچاقلىشىش ئارقىلىق تارقىلامدۇ
ياق تارقالمايدۇ. ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق، سۈت قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۇت. مۇكەممەل تېرىلەر ۋىرۇسنىڭ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توسىدۇ، تېرىسى بۇزۇلمىغاندىلا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بەدەندىكى نورمال تەر سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلار بىلەن ئۇچراشسا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
پاشا چىشلىسە ئەيدىز تارقىلامدۇ
ياق تارقالمايدۇ. قاندىكى ئەيدىز ۋىروسى پاشانىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا ھايات قالالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پاشا ئېغىزىدىكى قان مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئېلىپ يۈرگەن ۋىروسنىڭ سانى يېڭى شەخسلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ
ئەيدىز كېسىلى مۇسبەت ئانا ۋىرۇسنى چوقۇم بالىغا تارقىتىپ بېرەمدۇ
ناتايىن. ھېچقانداق ئارىلىشىش تەدبىرى بولمىغان ئەھۋالدا، ئانىلار-بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشى نىسبىتى تەخمىنەن ٪15تىن ٪45كىچە بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىروسقا قارشى داۋالاش، بىخەتەر تۇغۇت شەكلىنى تاللاش ۋە ئانا-بالىلارنى بېقىشتىن ساقلىنىش ئۈنۈملۈك تەدبىرى ئارقىلىق ئانىلار-بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ خەتىرىنى ٪2تىن تۆۋەنگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ
ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىدۇ
ياق تارقالمايدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەرىجىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز كېسىلى سىرتقى مۇھىتتا ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلىپلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ
ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان ۋېلسىپىتتىن «ئەيدىز يىڭنىسى»ئارقىلىق يارىلانسا يۇقۇملىنىپ قالامدۇ
ياق تارقالمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەن سۇيۇقلۇقى مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭ ھايات قېلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا يىڭنە بېشىغا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى چاپلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ۋىرۇس مىقدارى ئاز بولغاچقا، تاشقى مۇھىتتا ئاشكارىلىنىپ قالغان بولغاچقا، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك
ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئورتاق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياكى ئاممىۋىي مۇنچىنى ئىشلەتسە يۇقۇملىنىپ قالامدۇ
ياق تارقالمايدۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ سۇ ياكى ئاممىۋى مۇنچىسىنىڭ مۇھىتىدا سۇنىڭ سۇيۇلدۇرۇش رولى، دېزىنفېكسىيە دورىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى (سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى سۈيىنىڭ تەركىبىدە دېزىنفېكسىيەلەش دورىسى) ھەمدە مۇھىت ئامىللىرى (مەسىلەن تېمپېراتۇرىسى، ئىشقارلىق قىممىتى قاتارلىقلار) سەۋەبلىك ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھايات قېلىشى تەس. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىنىڭ تېرىسى تەبىئىي، ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئە توسىقى بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىمۇ ئادەم بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن ئورتاق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياكى ئاممىۋى مۇنچىنى ئىشلەتكەندە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
来源:央视一套






