【双语】健康科普|禁毒防艾,守护健康!全民必学科普知识,请查收 ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش|زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سا
发布日期:2026-06-01
点击:次
 |
- ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش|زەھەرنى چەكلەپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساغلاملىقنى قوغداش! ئومۇمىي خەلق بىلىشكە تىگىشىك زۆرۈر بولغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى
- ئالتىنجى ئاي مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئېيى، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پۈتۈن يىللىق نۇقتىلىق ئاممىۋى سەھىيە خىزمىتى ، زەھەر بىلەن ئەيدىز كېسىلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، خەتەر كۆپىيىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلە بەختى ۋە ئىجتىمائىي يۈكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن ئامما تەلەي سىناش پىسخىكىسى مەۋجۇت بولۇپ، زەھەر، ئەيدىز كېسەللىكىنى ئۆزىدىن ناھايىتى يىراق دەپ قارايدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي، قوللىنىشچان ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، يادرولۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى رەتلەپ، ھەممە كىشىنى بىلىشكە، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلدى.
- بىرىنچى، زەھەر بىلەن ئەيدىز نېمە ئۈچۈن يۈكسەك باغلىنىشلىق؟
- ئەيدىز ئاساسلىقى جىنسىي جەھەتتىن تارقىلىش، قان ئارقىلىق تارقىلىش، ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىدۇ، زەھەر چېكىش مۇھىم خەتەرلىك سەۋەب.
- 1.ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە قاننىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
- شپىرىس زەھەرلىك چەككۈچىلەرنىڭ ئورتاق شپىرىس ئىشلىتىشى ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىدۇ، بۇ ئېلىمىزدە دەسلەپكى مەزگىلدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ.
- 2. يېڭى تىپتىكى زەھەر خەتەرلىك قىلمىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
- ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، ئىچىملىك، ئېلېكترونلۇق تاماكىغا كىرىۋالغان يېڭى تىپتىكى بىرىكمە زەھەر ، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئاسانلا قوغدىغىلى بولمايدىغان، كۆپ كىشلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بولۇش قاتارلىق خەتەرلىك قىلمىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
- ھازىر، زەھەر چېكىشنىڭ تارقىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، جىنسىي تارقىلىش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالدى، يۇشۇرۇنلىقى كۈچلۈك، ئومۇملىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش يەنىلا ئۇزۇن مۇددەت تۆھپە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ.
- ئىككىنچى، زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇش:زەھەر سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈپ، ئائىلىنى نابۇت قىلىپ ، ھاياتلىقنى ۋايران قىلىدۇ
- مەيلى ئەنئەنىۋى زەھەر ياكى يېڭى تىپتىكى نىقابلانغان زەھەر بولسۇن ھەممىسى كۈچلۈك خۇمار بولۇش خاراكتېرىگە، خەتەرلىك خاراكتېرگە ئىگە:
- قىسقا مۇددەتلىك : خىيالىي تۇيغۇ ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىيات كونتروللۇقىنى يوقىتىش، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، ئىچكى ئەزالار زىيانغا ئۇچرايدۇ
- ئۇزاق مۇددەتلىك: نېرۋا زەخمىلىنىش، روھىي نورمالسىزلىنىش، ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىش
- ئاخىرىدا: ئائىلە مال-مۈلۈكى تۈگىگەن، ئائىلىسى پارچىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى پەيدا قىلىپ، شەخس ۋە ئائىلىنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىدۇ.
- ئۈچىنچى، ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەپ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يادرولۇق قوغدىنىش تەدبىرلىرى
- زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە ياندىن تاماشا قىلغۇچى بولماي ھەممە ئادەم ساغلاملىقنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى:
- 1.زەھەردىن قەتئىي يىراق تۇرۇش كېرەك
- ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىك، ئىچىملىك، ئېلېكترونلۇق تاماكىنى قوبۇل قىلماسلىق ، مۇرەككەپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا چېتىلماسلىق ، يىڭى تىپتىكى زەھەرگە قىزىقماي، تەلەي سىناپ باقماسلىق، زەھەرگە چېتىشلىق ھەرقانداق بۇيۇملارنى سىناپ باقماي، يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ قىلتىقىنى ئېنىق تونۇش كېرەك.
- 2.ساغلام تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك
- ئۆزىنى پاكىز سۆيۈپ، خەتەرلىك قىلمىشلارنى توسۇپ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
- 3.خەتەرلىك قان بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
- گۈل چېكىش،قۇلاق تۆشۈك تېشىش، تىببىي گۈزەللىك، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا چوقۇم مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنى تاللاپ، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە سايمانلىرى، ئۈسكۈنىلەرنى توسۇپ، گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش .
- 4.تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئەيدىزدىن ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش كېرەك
- خەتەرلىك قىلمىشلار قورقۇش ھاجەتسىز، يوشۇرۇش ھاجەتسىز، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ( سەھىيە نازارەت قىلىش ئورنى) ۋە مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ، ھەقسىز، مەخپىيەتلىكنى ساقلايدىغان ئەيدىز مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدۇ.
- 5.ئەيدىز كەمسىتىشنى رەت قىلىش
- كۈندىلىك قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بىللە غىزالىنىش، خىزمەت قىلىش، بىللە تۇرۇش ئەيدىز تارقىمايدۇ. ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ قورساقلىق قىلىپ، ئىلمىي ۋە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئىللىق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتايلى .
- تۆتىنچى، ئومۇمىي خەلق قول تۇتۇشۇپ، زەھەرسىز ئەيدىزسىز مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىش كېرەك
- زەھەر چەكلەش كىشىلىك ھايات قىزىل سىزىقى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىقنىڭ تۆۋەن چېكى. بىر قىتىملىق تەلەي سىناش ئۆمۈرلۈك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
- كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەشەببۇس قىلدۇكى :
- زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، زەھەر ۋە خەتەرلىك قىلمىشلاردىن ئاڭلىق يىراقلىشىپ، ئائىلىدىكىلەرگە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى پائال تەشۋىق قىلىش غەلىتە ئوۋ ئوۋلىماسلىق، قارىغۇلارچە بويسۇنماسلىق ، تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراقلىشىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىنچ، ساغلام، بەختلىك گۈزەل يۇرت ماكاننى ئورتاق قوغداش كېرەك!
信息发布:【阿卜杜米吉提】
项目支持:【墨玉县】
联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删
新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
| 姓名 |
电话 |
| HIV药物阻断 |
|
| HIV药物预防 |
| 疫情期间HIV药品借药援助 |
| 采血结果查询 |
|
| HIV检测 |
|
| A友健康互助群 |
|
 |
 |
|