饭局中得知旁边那人有乙肝,整个人都不好了
一顿饭分分钟都想去烫筷子


医院就医时路过“肝病门诊”捂口鼻、加速跑
生怕被传染了



其实,以上这些都是源于 对乙肝有误解
- 一起吃饭、开会、聊天? 不传!
- 握手、拥抱、打喷嚏? 不传!
- 共用厕所、游泳、被蚊子咬? 不传!
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن بىللە تاماق يېسە يۇقۇملىنىپ قالامدۇ
تۇرمۇشتا سىز تۆۋەندىكى مەنزىرىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانمۇ ، تاماقخانىدا يېنىڭىزدىكى ئادەمنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بارلىقىنى بىلگىنڭىزدە ، پۈتۈن بەدىنىڭىز بىئارام بولۇپ، بىر ۋاق تاماق يىيش ئۇچۇن مىنۇتتا چوكىلانى دىزىنفىكسىيە قىلىغۇڭىز كىلەمدۇ
دوختۇرخانا داۋالانغاندا " جىگەر كېسىلى ئامبولاتورىيەسى "دىن ئۆتكەندە ، ئېغىز ، بۇرنىڭىزنى ئېتىپ ، تېز يۈگۈرۈپ ، يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەنمۇ
ئەمەلىيەتتە، يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە بولغانلىقىدىن بولغان
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى توغرا تونۇش
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا ب تىپلىق جىگەر ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل جىگەر كېسەللىكى . ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە كىرىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخمىلىنىشى ۋە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى كۆپ خىل، قىسمەن بىمارلاردا روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى بولماسلىقى مۇمكىن، پەقەت سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزىدىكى ئانتىگېننىڭ مۇسبەتلىكىنى بايقىغان، بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەنلەر. كېسەللىك ئالامەتلىرى بار بىمارلاردا جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى كۆپۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا سېرىق چۇشۇش كۆرۇلۇپ، تېرىسى سارغىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
ئەگەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ
- قان ئارقىلىق تارقىتىش: بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش (ھازىر مۇنتىزىم قان پونكىتى قاتتىق تەكشۈرۈپ تاللاش ئىلىپ بارىدۇ، خەتىرى ئىنتايىن تۆۋەن) ، بۇلغانغان يىڭنە سايمانلىرى (مەسىلەن ۋېنادا زەھەر چەككۈچىلەر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ)، دېزىنفېكسىيە تەلتۆكۈس بولمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىش، ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى، تىرناق ئالغۇچ قاتارلىق مىكرو قان ئىزى چاپلىشى مۇمكىن بولغان شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش
- جىنسىي تارقىلىش: قوغداش خاراكتېرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن. ( بىخەتەرلىك قاپچۇقى تاقاش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ )
- ئانىدىن بوۋاقلارغا تارقىلىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا تۇغۇش جەريانىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ۋىرۇسنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا يۇقتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن. (لېكىن ۋاكسىنا + ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىلى ئارقىلىق توسقىلى بولىدۇ! )
شۇڭا، تۆۋەندىكى كۈندىلىك ئۇچرىشىشلار ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
↓↓↓
بىللە تاماق يىيىش،يىغىن ئېچىش ، پاراڭلىشىش يۇقمايدۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلاش، چۈشكۈرۈش يۇقمايدۇ
ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا، سۇ ئۈزۈش، پاشا چىقىش يۇقمايدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەپ، ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئەرزان ئۇسۇل!ۋاكسىنا ئەسلىدىنلا ۋىرۇس ئەمەس بەلكى ۋىرۇسنىڭ «تەقلىد قىلىنغان بۇيۇم» ئەملەنگەندىن كېيىن، ئۇ بىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدا "ئانتىتېلا" دەپ ئاتىلىدىغان قوغداش خاراكتېرلىك ماددىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەقىقىي ۋىرۇس كىرگەن ھامان، بۇ ئانتىتېلا ئۇلارنى تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە يوقىتىپ، يۇقۇملانماسلىقىمىزنى قوغدايدۇ
قايسى ئادەملەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىشى كېرەك
بارلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئەملەنمىگەن ياكى پۈتۈن مۇساپىدە ئەملەنمىگەن بوۋاقلار ۋە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ھەمدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ھەمدە ئانتىتېلا پەيدا بولمىغان ھەرقانداق قۇرامىغا يەتكەنلەر. بولۇپمۇ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى، قايتا-قايتا قان سېلىش ۋە قان بۇيۇملىرى، قان دىئالىزلاش بىمارلىرى، كۆپ جىسنسى ھەمراھى بارلار، قان بىلەن ئۇچراشقان تىببى خادىملار قاتارلىق خەتەرلىك كىشىلەرب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى قانداق ئەملەش كېرەك
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە تۇنجى يىڭنە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ھەمدە "0-1-6 ئاي" تەرتىپى بويىچە پۈتۈن جەرياندا ئەملەش كېرەكقۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆز ئىختىيارىي بويىچە پۇل تۆلەپ ئەملىسە بولىدۇ، تەۋەلىكىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى ياكى ئەملىگۇچى ئورۇنلاردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، مۇنتىزىم ئەملەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئەملىسە بولىدۇ
پۈتۈن مۇساپىدە ئەملەشنى تاماملىغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يېتەرلىك ئانتىتېلا ھاسىل قىلالايدۇ، قوغداش ئۈنۈمى كۆپ يىل ھەتتا ئۆمۈر بويى داۋاملىشىدۇ






