چاغاننى ساغلام ئۆتكۈزۈش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تاكتىكىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش تەكلىپى
كىرىش سۆز
چاغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى، يېمەك-ئىچمەكتىن بەھرىمان بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇش بىلەن بىرگە، جىگەر ساغلاملىقىغا، بولۇپمۇ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارغىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شېكەرمىقدارى يۇقىرى ياغلىق يېمەك-ئىچمەك، ھاراق ئىچىش، تۈنەش قاتارلىق ناچار ئادەتلەر جىگەرنىڭ مېتابولىزم يۈكىنى كۆرۈنەرلىك ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. جىگەرنى ئىلمىي ئاسراش، چاغاننى ساغلام ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ ماقالىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك تاكتىكىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش تەكلىپى تونۇشتۇرۇلدى
01
يىمەكلىك تاكتىكىسى
يىمەكلىك تاكتىكىسى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى ئىلمىي پىلانلاپ، تاماكا تاشلاش، ھاراق تاشلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، ئاچچىق، سوغۇق قاتارلىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. پىشمىغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ياكى گۆش تۈرلىرىنى يېيىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ خىل يېمەكلىكلەردە جىددىي خاراكتېرلىك ئا تىپلىق، خېلى تىپلىق ۋىروس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى پەيدا قىلىش خەۋپى بارلىقىنى بىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتە كۈندىلىك ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئاز مىقداردا كۆپ ۋاق تاماق يېيىش، مايسىز ئىسسىق يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىنى قوللىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. تاماق تىزىملىكىدە كۆكتات، مېۋە- چېۋە قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن ۋە تالا ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر بولۇشى كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار شىكەر ماددىسى يۇقۇرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، چۈنكى جىگەر سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرىغاچقا، ئالاقىدار مېتابولىزم ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. شېكەرمىقدارى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەك بىمارلارنىڭ ئوزۇقلۇق زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى، ماي دۆۋىلىنىپ، قان شېكىرى ئۆرلەپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاز دېگەندە ئۈچتىن بىر قىسىم ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىرلا ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە بىرلىكتە گىرىپتار بولغان. جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن كىشىلەر ۋە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىرلەشتۈرۈلگەن جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى جىگەر راكىنىڭ خەتىرىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ساغلام يېمەك-ئىچمەكنى ساقلاپ، جىگەر نى ماي قاپلاش كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشى ياكى ئىلگىرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. مەسىلەن، ئوتتۇرا دېڭىز يېمەك-ئىچمەكلىرى كۆكتات، مېۋە-چېۋە، پۈتۈن دانلىق زىرائەت، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر قاتارلىق ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ساغلام ماي مول بولۇپ، ھەمدە تاتلىق يېمەكلىك ۋە شېكەر قوشۇشنى چەكلەيدۇ. بۇ خىل يېمەك-ئىچمەك جىگەردىكى ماي جۇغلاش ۋە جىگەر ياللۇغى خەۋپىنى ئازايتىشقا پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن ياغلىق جىگەر كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ

02
تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش
تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش
تەنتەربىيە چېنىقىش
تەنتەربىيە چېنىقىش جىگەردىكى ياغنىڭ چۆكۈپ كېتىشىنى ئازايتىدۇ، ياللۇغنى يېنىكلىتىدۇ ھەمدە جىگەر تالالىشىشنى تەتۈر ئۆزگەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، مۇسكۇللارنىڭ يىگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە ئۆلۈش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ھەر ھەپتىدە ئۈچ-بەش قېتىم ھەرىكەت قىلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئوتتۇراھال چىداملىق (مەسىلەن تېز مېڭىش)تىن يۇقىرى چىداملىق (مەسىلەن يۈگۈرۈش) ھەرىكىتى جىگەر ساغلاملىقىغا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت ئوتتۇراھال چىداملىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ياكى 75 مىنۇت يۇقىرى چىداملىق ھەرىكەتنى تاماملاش تەكلىپى بېرىلىدۇ
يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاش
ياخشى بولغان ئۇيقۇ تازىلىقىنى ساقلاش كېرەك. ئۇيقۇ پارچىلىنىش ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىق كۈچى ياغلىق جىگەر كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياللۇغ ھۈجەيرىسى فاكتورى سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ، ياغلىق جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر كۈنى ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك