ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دېگەن نېمە؟ ئۈنۈمى قانداق ؟ ئۆمۈر بويى دورا ئىچكىلى سالامدۇ؟
ئاشكارىلانغاندىن كېيىن توسۇشقا سېلىشتۇرغاندا، ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش بىر خىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىنىش ئۇسۇلى. ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسىنى، قايسى ئادەملەرگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆمۈرلۈك ئىستېمال قىلىش كېرەكمۇ يوق، خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم قىلىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دېگەن نېمە؟
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دېگىنىمىز، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىغا قارشى دورىلارنى ئالدىن ئىچىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى مەنپىي كىشىلەرنى قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك سىتىراتىگىيىلىك تەدبىرنى كۆرسىتىدۇ
قايسى ئادەملەر ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئىلىشنى ئىشلىتىشكە مۇھتاج ؟
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى قايتا-قايتا ئاشكارىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان ئەيدىز مەنپىي كىشىلەرگە قارىتىلغان. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت تۈردىكى خەتەرلىك كىشىلەر: ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشى، ئەيدىز كېسىلى خەتىرى يۇقىرى يات جىنىسلىق قىلغۇچىلار، ئەيدىز يەككە تەرەپ يۇقۇملانغۇچى ھەمراھلار ئىچىدىكى ئەيدىز مەنپىيلار، ۋېنا دورىسىغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىلار
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش دورىسىمۇ ۋىروسقا قارشى داۋالاش بىلەن ئوخشاش، ئۆمۈر بويى ئىستېمال قىلىش كېرەكمۇ؟
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئالدىن ئىچىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى مەنپىي كىشىلەرنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشتىن قوغداشتىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئاشكارىلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئەيدىز مەنپىي كىشىلەرگە قارىتىلغان. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئوبيېكتى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر. شۇڭا ئىككىسى ئىستېمال قىلغان دورا ۋە دورا ئىچىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىدا پەرق بار. ئەگەر ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالىدىغان يەككە ئاشكارىلىنىش ئامىللىرىنى ئېلىپ چىقىپ قالسا، ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىشنى توختاتسا بولىدۇ
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى قانداق؟
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ۋاقتىدا مىقداردا ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئالىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ٪90تىن ئارتۇق ئازايغان
ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى قانداق باشلاش كېرەك؟
ئالدى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئاندىن مۇناسىپ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملۇنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەخسۇس دوختۇرلارنى ئىزدەپ تەكشۇرتىمىز. ئەگەر ەيدىزدىن يۇقۇملۇنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرى باھالىغاندىن كېيىن ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىسا، پۈتۈن بەدەننى تېببىي تەكشۈرتۈشكە باشلىغىلى ھەمدە ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ھەمدە جىگەر ۋە بۆرەك ئىقتىدارى ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزىدىكى ئانتىگېن، جىگەر يۈزىدىكى ئانتىتېلا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ي ئانتىگېن، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ي ئانتىتېلاسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يادرولۇق ئانتىتېلاسى) ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسى قاتارلىقلار. ئەگەر يۇقارقى تەكشۈرۈشتە مەسىلە بولمىسا، دوختۇر دورا ئىشلىتىدىغان رېتسىپ يېزىپ بەرسە بولىدۇ. خەتەرلىك كىشىلەر ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ھەر كۈنى دەل ۋاقىتىدا ئىستېمال قىلىپلا قالماي، يەنە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ۋە دورىنىڭ ناچار تەسىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك






