当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

【双语】春节防艾健康提示:把健康带回家,把“艾”挡在外 چاغاندا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى ساغلاملىقنى ئۆيگە

发布日期:2026-02-01 点击:

 




چاغاندا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسكەرتمىسى ساغلاملىقنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، «ئەي»نى سىرتتا توسۇپ قويايلى

 
چاغاندا ھەممە ئائىلە جەم بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، جەم بولۇش ۋە خوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆپچىلىكنىڭ چاغاننى خاتىرجەم، ساغلام، مەدەنىي ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ يەردە چاغانلىق ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق قوللانمىسى ئارقىلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇداپىئەنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتەيلى
 

ئەيدىز توغرىسىدا

ئەيدىز ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى (ئەيدىز كېسىلى) يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، ئەمما كۈندىلىك ئۇچرىشىش تارقىلىپ كەتمەيدۇ
كۈندىلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە تۇرمۇش ئۇچرىشىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
 
بىزمۇنداق قىلىشىمىز كىرەك : ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە بىمارلارغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، كۆيۈنۈش، چەتكە قېقىش ۋە كەمسىتمەسلىك، بىر تەرەپلىمە قاراشنى ئىلمىي تۈگىتىپ ، ئىللىقلىق بىلەن جەم بولۇشمىز كېرەك
 

تارقىتىش يوللىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇپ، ساغلاملىقنىڭ تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك

ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش، قان، ئانىدىن بوۋاققاتارقىلىشدىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول بىلەن يۇقۇدۇ، چاغان مەزگىلدىكى نۇقتىلىق ئەسكەرتىىش

  1. ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، توغرا مۇھەببەت قارىشى ، دوست تۇتۇش قارىشى تۇرغۇزۇش كېرەك
  2. خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرگەندە، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى پۈتۈن جەرياندا چىڭ تاقاپ ، توغرا ئىشلىتىش ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر
  3. زەھەردىن يىراقلىشىش، باشقىلار بىلەن ئورتاق يىڭنە ئىشلەتمەسلىك، بىخەتەربولمىغان قان بىلەن ئۇچرىشىشدىن ساقلىنىش كېرەك
  4. ھامىلىدارلىققا تەييارلىق قىلىش ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەر-ئايال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ تەكشۈرتۈپ، ئانىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش   
 

بالدۇر تەكشۈرۇپ بالدۇر بايقاش، گۇمانلىنىش بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش

خەتەرلىك قىلمىشلار بولسا، گۇمانلىنىپ قالغان كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش تەكلىپى بېرىلدۇ. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ 

چاغاننى ساغلام ئۆتكۈزۈش ، ئەيدىزنى چۇشىنىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاش


كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىش بولسا، كەمسىتىش ئازىيىدۇ
بىر ئۈلۈش مۇداپىئەلىنىش بولسا ، بىر ئۈلۈش خەتەر ئازىيىدۇ
بىر ئۈلۈش كۆپ چۈشىنىش بولسا ، بىر ئۈلۈش خاتا چۈشىنىش ئازىيىدۇ
 يىڭى يىل يىڭى كەيپىياتى،ساغلاملىق ئەڭ ياخشى سوۋغات

 
كۆپچىلىكنىڭ جەم بولغان خوشال كۈنلەردە تېنىنىڭ سالامەت،كۇنلىرىنىڭ خاتىرجەم، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، ساغلاملىقىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپ، «ئەي»نى سىرتقا توسۇپ، چاغاننى خۇشال، خاتىرجەم، ساغلام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
 

 

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【焉耆县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有