«ئەيدىزنى ئىلمىي تونۇش»
- 01ئەيدىز كېسىلى دېگەن نېمە
- 02ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى
- جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش: بۇ نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تارقىلىش يولى. مەيلى ئوخشاش جىنىسلىق، يات جىنىس ياكى قوش جىنسلىق ئۇچرىشىش بولسۇن، ھەممىسىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىشى مۇمكىن. قوغداش تەدبىرى بولمىغان قىلمىش خۇددى ۋىرۇسنىڭ دەرۋازىسىنى ئوچۇق قويۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانغا ئوخشايدۇ
- قان ئارقىلىق تارقىلىش: مەسىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن بۇلغانغان ھەم دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس، يىڭنىلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىقلار ۋىرۇسنى بەدەنگە كىرگۈزۈش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان گۈل چېكىش، قۇلاق تېشىش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىمۇ بەلگىلىك خەتەر مەۋجۇت
- ئانىدىن بالىغا يۇقۇملىنىش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش ۋە ئېمىتىش جەريانىدا ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاقلارغا ۋىرۇس تارقىتىش مۇمكىن بىراق ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قېلىپلاشقان ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، ئانىلار بىلەن بوۋاقنىڭ تارقىلىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ
- 03ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى
- جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىل: ئادەتتە تۇنجى قېتىم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 2-4 ھەپتىدە پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بىر مەيدان ئېغىر زۇكام بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئوغرىلىقچە تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تەمرەتكە، ئەسۋە، بوغۇم ئاغرىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە بىر قەدەر يېنىك بولۇپ، 1-3 ھەپتىدىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدۇ، شۇڭا ئاسانلا سەل قارىلىدۇ
- كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىل: جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىل ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىلگە كىرىدۇ. بۇ باسقۇچ نەچچە يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن، قارىماققا نورمال ئادەم بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن، روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلمەيدۇ. بىراق ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس بەدەندە ئاستا كۆپەيتىلىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاز-ئازدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ
- ئەيدىز مەزگىلى: بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ھەرخىل ئېغىر پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە بەس-بەستە تېپىپ كېلىدۇ. بىماردا داۋاملىق قىزىش، ئوغرىلىقچە تەرلەش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش، يۆتەل، نەپەس ئېلىش قىيىن بولۇش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، روھىي بىنورمال بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك، داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور
- 04ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش
- 05ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى
- بىخەتەرلىك قىلمىشى: يەككە، سادىق جىنسىي ھەمراھنى ساقلاپ، كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ ۋە بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. ھەر قېتىملىق قىلمىشتا سۈپەتتە لاياقەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى توغرا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر
- قان ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش: زەھەرنى قەتئىي چەكلەش ، بولۇپمۇ ئوكۇلنى، يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر قان سېلىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم قان مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈلگەن قان ۋە قان بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق قان بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- ئانا بوۋاقلار ئارىسىدا يۇقۇشنى توسۇش: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولۇش پىلانلانغان بولسا، چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قېلىپلاشقان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، تۇغۇتتا مۇۋاپىق تۇغۇت شەكلىنى تاللاپ، تۇغۇتتىن كېيىن ئانا سۈتىدە بېقىشتىن ساقلىنىش، بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئانىلار بىلەن بوۋاقنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ






